كوندىلىزا رايىس، ئامېرىكا شىمالىي كورىيىگە قارشى "ئۈستۈنلۈككە" ئىگە، دەپ كۆرسەتتى


2005.05.03

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندىلىزا رايىس، ئامېرىكا شىمالىي كورىيىنىڭ يادرو قوراللار تەھدىتىگە قارشى " ئۈستۈنلۈككە" ئىگىلىكىنى بىلدۈردى . بۇنىڭ ئالدىدا ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئىشخانىسى- ئاق ساراي، شىمالى كورىيىنىڭ ھەپتە ئاخىرى ئېلىپ بارغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى " كۈشكۈرتۈش" خاراكتېرگە ئىگە ھەرىكەت، دەپ ئەيىبلىگەن.

رايىس، ۋاشىنگتوندا فرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بارنىيېر بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدىن كېيىن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىپ، " ئامېرىكا كۈچ جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈككە ئىگە، مەن ئۈستۈنلۈكنى تەكىتلىمەكچى، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ھەر قانداق خىرىسنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە،" دەپ كۆرسەتتى.

شىمالى كورىيە يەكشەنبە كۈنى قىسقا مۇساپىلىق باغقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ بارغان ئىدى. ئاق ساراينىڭ باياناتچىسى مكلىلان، باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى " شىمالىي كورىيە تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان كۈشكۈرتۈش ھەرىكىتىنىڭ داۋامى،" دەپ تەنقىدلىگەن.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ تەكىتلىشىچە رايىسنىڭ سۆزى، ئامېرىكىنىڭ شىمالى كورىيە مەسىلىسىدىكى سەۋر - تاقىتى تېشىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن. شىمالى كورىيىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى، نيۇ - يوركتىكى يادرو قوراللارنى چەكلەش شەرتنامىسى يىغىنى باشلىنىشنىڭ بىر كۈن ئالدىدا ئېلىپ بېرىلدى. رايىس شۇ كۈنى ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماچىمۇرۇ بىلەن كورىيە يادرو قوراللار كرىزىسىنى مۇزاكىرە قىلغان شۇنداقلا ھەر ئىككىلا تەرەپ خىتاي شىمالىي كورىيە يادرو قوراللار مەسىلىسىدە تېخىمۇ ئاكتىپ رول ئوينىشى كېرەك، دەپ قارىغان.(ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.