ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رايىس پات يېقىندا خىتاينى زىيارەت قىلىدۇ


2005.07.05

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندىلىزا رايىس جۈمە كۈنى خىتاينى زىيارەت قىلىپ، شىمالىي كورىيە يادرو قوراللار مەسىلىسى بويىچە سۆھبەت ئېلىپ بارىدۇ. خىتاي، رايىسنىڭ بۇ قېتىمقى ئاسىيا سەپىرىنىڭ تۇنجى بېكىتى بولۇپ، ئۇ جەنۇبىي كورىيە، ياپونىيە ۋە تايلاندلارنى زىيارەت قىلىدۇ.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ سەيشەنبە كۈنى ئاشكارىلىشىچە، شىمالىي كورىيە يادرو قوراللار مەسىلىسى ۋە 6 دۆلەت سۆھبىتى رايىسنىڭ شەرقىي ئاسىيا سەپىرىدىكى ئاساسى تېما ھېسابلىنىدىكەن. ئۇ، 9 - ئىيۇلدا بېيجىڭغا بارىدۇ. بىراق بۇ ئارىدا خىتاي ھۆكۈمىتى رايىسنىڭ زىيارىتى توغرىسىدا ئامېرىكا بىلەن سۆزلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ليۇ جيەنچاۋ سەيشەنبە كۈنى " جوڭگو بىلەن ئامېرىكا بۇ مەسىلىنى سۆزلىشىۋاتىدۇ شۇنداقلا ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ،" دەپ كۆرسەتتى. ئەمما ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى رايىس 9 - 10 - ئىيۇنلاردا بېيجىڭنى زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رايىس بېيجىڭدا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لى جاۋشىڭ قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر بىلەن ئۇچرۇشىدىكەن. رايىسنىڭ زىيارىتى، ئامېرىكا سودا مىنىستىرى چارلوس گۇتتىرىز، ئامېرىكا سودا ۋەكىلى روب پورتمان، يېزا ئىگىلىك مىنىستىرى مايىك جوھانىس قاتارلىقلارنىڭ ئىشتىراكىدىكى خىتاي ئامېرىكا سودا كومىتېتىتىنىڭ يىغىنى ھارپىسىغا توغرا كەلمەكتە. پورتمان بىلەن جوھانىس، 12 ۋە 13 - ئىيۇللاردا دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ دالاندىكى مىنىستىرلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.