رايىس، شەرقىي ئاسىيا ئەللىرىدىكى زىيارىتىنى باشلىدى


2005.07.08

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندىلىزا رايىس، جۈمە كۈنى چۈشتىن كېيىن خىتاي، تايلاند، جەنۇبى كورىيە ۋە ياپونىيىلەرنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن ۋاشىنگتوندىن ئايرىلدى. ئۇ، شەنبە كۈنى بېيجىڭغا يېتىپ بارىدۇ. كوندىلىزا رايىسنىڭ زىيارەت كۈنتەرتىپىدىكى ئەڭ مۇھىم تېما، شىمالىي كورىيە يادرو قوراللار مەسىلىسىدۇر.

بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا دائىرىلىرى يېقىندىن بېرى خىتايلار شىمالىي كورىيىنى يادرو قوراللار سۆھبىتىگە قايتۇرۇپ كېلىش مەسىلىسىدە يىتەرلىك كۈچ چىقارمىدى، دەپ ئەيىپلەشكە باشلىغان.

كوندىلىزا رايىس بېيجىڭغا يېتىپ بېرىش ئالدىدا خىتاي ھۆكۈمىتى جۈمە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، دۆلەت كومىسارى تاڭ جياشۈئەننىڭ ئالاھىدە ئەلچىلىك سالاھىيىتى بىلەن كېلەر ھەپتە پيوڭياڭنى زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

كۆزەتكۈچىلەر، ئامېرىكىنىڭ شىمالى كورىيە مەسىلىسىدىكى سەۋر- تاقىتى تېشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

بېيجىڭ كوندىلىزا رايىسنىڭ شەرقىي ئاسىيا زىيارىتىنىڭ تۇنجى بېكىتى. ئۇ بېيجىڭدىن كېيىن تايلاندنى زىيارەت قىلىدۇ. بۇش ھۆكۈمىتى، شىمالىي كورىيە مەسىلىسىنى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ كۈنتەرتىپىگە قويۇشنى مۇزاكىرە قىلغان. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى، بۇ مەسىلىنىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە مۇزاكىرە قىلىنىشىنى خالىمايدىكەن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.