ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندىلىزا رايىس جۈمە كۈنى لىۋاننى تۇيۇقسىز زىيارەت قىلىپ، لىۋاننىڭ قۇرۇلغىنىغا ئەمدىلا 3 كۈن بولغان يېڭى ھۆكۈمەتنى رىغبەتلەندۈردى. رايىس، شۇ كۈنى لىۋان پرېزىدېنتى لاھۇد ۋە سابىق لىۋان باش مىنىستىرى ھارىرىنىڭ ئوغلى سائاد ھارىرىلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان.
لىۋان پرېزىدېنتى لاھۇد سۈرىيەپەرەسلىكى بىلەن تونۇلغان. ئەمما سۈرىيىگە ئۆكتىچىلىكى بىلەن تونۇلغان سائاد ھارىرىنىڭ دادىسى، سۈرىيە ئاخبارات ئورگانلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى، دەپ قارالماقتا ئىدى. سۈرىيە ئىككى ئاي ئىلگىرى ئامېرىكا ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بېسىمى ئاستىدا لىۋاندىكى قوشۇنلىرىنى چېكىندۈرگەن.
كوندىلىزا رايىس، سۈرىيە بۇ يىل 4 - ئايدا قوشۇن چېكىندۈرۈپ، لىۋاندىكى 29 يىللىق ئىشغالىيىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، لىۋاننى زىيارەت قىلغان تۇنجى يۇقىرى دەرىجىلىك ئامېرىكا ئەمەلدارى.
رايىس لىۋانغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن مۇخبىرلارغا "خەلقئارا جەمئىيەت ۋە بولۇپمۇ ئامېرىكىنىڭ لىۋانغا قانداق ياردەم بېرەلەيدىغانلىقىنى ئىگىلەش ئۈمىدى بىلەن كەلدىم،" دەپ تەكىتلىگەن.
رايىس لىۋانغا كېلىشتىن ئىلگىرى ئىسرائىلىيىنى زىيارەت قىلىپ، ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى شارون بىلەن گازادىكى يەھۇدىي مەھەللىلىرىنى كۆچۈرۈش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى. ئۇ شەنبە كۈنى ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىزىدىكى راماللادا، پەلەستىن رەھبىرى ماخمۇد ئابباس بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارىدۇ. (ئەركىن)