كوندولىزا رايس پاكىستاننى زىيارەت قىلدى


2005.10.12

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندولىزا رايس چارشەنبە كۈنى پاكىستانغا زىيارەتكە كېلىپ، يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان رايوندىكى خەلقلەردىن ھال سورىدى. شۇنداقلا ئۇ يەنە ئاپەت رايونىغا ئۇزۇن مۇددەتلىك ياردەم بېرىشكە ۋەدە قىلدى ھەمدە ئامېرىكا قىلىدىغان ياردەمنىڭ 50 مىليوندىن ئاشىدىغانلىقىنى ئالدىن مۆلچەرلىدى.

پاكىستاندا شەنبە كۈنى يۈز بەرگەن 7.6 بال يەر تەۋرەش پاكىستانغا قاراشلىق كەشمىر رايونىدىلا 20 مىڭدىن ئوشۇق كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان بولۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى پاكىستانغا داۋالاش جەھەتتە ياردەم بېرىپلا قالماستىن، يەنە تىك ئۇچار ۋە ھەربىي ترانسپورت ئايروپىلانلىرىنى پاكىستانغا ئەۋەتتى.

كوندولىزا رايس پاكىستانغا كېلىشتىن بۇرۇن، تاجىكىستان، قازاقىستان ۋە ئافغانىستانلاردا زىيارەتتە بولدى. ئۇ ئافغانىستاندىكى مەزگىلىدە، ئافغانىستان ئومۇمىي سايلىمىنى مەدھىيلىدى ھەمدە ئافغانىستاندىكى ئامېرىكا قوشۇنىنى، تېررورچىلارنى مەغلۇپ قىلغىچە، بۇ يەردە داۋاملىق تۇرغۇزىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رايس ئافغانىستانغا كېلىشتىن سەل ئاۋال، كابۇلدا ئىككى قېتىم توپ زەمبىرەك ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، بۇنىڭ ئارىسىدىكى بىرى بۇ يەردىكى كانادا ئەلچىخانىسىنىڭ ئەتراپىدا پارتلىغان ھەمدە ئافغانىستانلىق ئىككى نەپەر ئامانلىق قوغدىغۇچى خادىمى يارىلانغان ئىدى. بۇنىڭدىن سىرت چارشەنبە كۈنى ئەتتىگەن، تالىبان قوراللىق كۈچلىرى قەندەھاردا، تىببىي ياردەم سېپىدىكى 5 نەپەر ئافغان خادىمىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.