كوندىلىزا رايىس ئوتتۇرا ئاسىيا زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇردى


2005.10.13

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندىلىزا رايىس پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى ئارىسىدا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تەكىتلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

كوندىلىزا رايىس بۇ سۆزنى تاجىكىستاننىڭ دىكتاتور پرېزىدېنتى ئىمامئەلى راخمانوف بىلەن دۈشەنبىدە ئۇچراشقاندىن كېيىن ئېيتقان. ئۇ سۆزىدە "ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ دېموكراتىيە تارىخى يوق. شۇڭا بۇ دۆلەتلەردە ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئەڭ مۇھىم مەسىلە" دېدى.

كوندىلىزا رايىس پەيشەنبە كۈنى تاجىكىستانغا كېلىشتىن بۇرۇن، قازاقىستاننى زىيارەت قىلغان ئىدى. ئۇ قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نەزەربايېف بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىنكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئامېرىكىنىڭ مەيلى ئوتتۇرا ئاسىيا بولامدۇ ياكى ئوتتۇرا شەرقتە بولامدۇ بىردەك دېموكراتىيىدىن ئىبارەت ئۇچۇرنى تەكىتلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

بۇنىڭ ئالدىدا، قازاقىستاندىكى ئۆكتىچىلەر، ئامېرىكىنى دېموكراتىيىنى ئەمەس، بەلكى نېفىت ۋە ھەربىي مەنپەئەتلىرىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويدى دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى. ئۇلار قازاقىستان دائىرىلىرىنىڭ دېكابىردىكى پرېزىدېنت سايلىمى ھارپىسىدا، ئۆكتىچى پارتىيىنىڭ پرېزىدېنت نامزاتىنىڭ سايلام پائالىيەتلىرىنى يۈرۈشتۈرىۋاتقان توختىسۇنوفنى قولغا ئالغانلىقى ھەققىدە كوندىلىزا رايىسنىڭ ئوچۇق ئىپادە بىلدۈرمىگەنلىكىدىن ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئەمما كوندىلىزا رايىس بۇنى رەت قىلىپ،" بىز ھەرگىزمۇ نېفىت ۋە ھەربىي مەنپەئەتلەرنىڭ بىزنىڭ ئەركىنلىكنى قوغداش نىشانىمىزغا توسقۇنلۇق قىلىشىغا يول قويمايمىز" دېدى.

كوندىلىزا رايىس دۈشەنبە كۈنى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۆت دۆلەتكە قاراتقان تۆت كۈنلۈك سەپىرىنى باشلىغان ئىدى. رويتىرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، كوندىلىزا رايىس بۇ سەپىرىدە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دىكتاتورلارنى ئۆزىدىن قاچۇرۇپ قويماسلىق بىلەن دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشقا تىرىشقان. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.