رايىس: ئامېرىكا تەن جازاسىنى قوبۇل قىلغان ئەمەس

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندىلىزا رايىس، سەيشەنبە كۈنى بېرلىندا گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا ماركىل بىلەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ چەتئەلدە مەخپىي تۈرمە قۇرغان ۋە گۇمانلىق تېررورچىلارنى گېرمانىيە ئارقىلىق يالاپ ماڭغانلىقى ھەققىدىكى تالاش تارتىشنى يۇمشىتىشقا تىرىشتى.

ئانگېلا ماركىل، مۇھىمى غەرب ئەللىرى تېررورچىلىققا زەربە بېرىشتە مۇۋاپىق ئۇسۇللارنى قوللاندى، دېدى. ئۇ، ئامېرىكا بىلەن گېرمانىيە ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ تېررورچىلىققا داۋاملىق بىرلىكتە زەربە بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، ئەمما " ئاخبارات خىزمىتى چوقۇم خەلقئارا قانۇنلار رامكىسى ئىچىدە ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك" دەيدۇ.

كوندىلىز رايىس، پرېزىدېنت بۇشنىڭ ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى چوقۇم ئامېرىكا قانۇنلىرىنىڭ رامكىسى ئىچىدە ھەرىكەت قىلىش كېرەك، دېگەن سۆزىنى ئەسلىتىپ، "ئامېرىكا تەن جازاسى ئېلىپ بارغان ياكى تەن جازاسىنى قوبۇل قىلغان ئەمەس" دېدى.

گېرمانىيە گېرخارد شرۆدېر دەۋرىدە ئامېرىكىنىڭ ئىراق ھەرىكىتىگە قارشى تۇرغان. ئانگېلا ماركىل ھۆكۈمىتى ۋاشىنگتوندىن ئامېرىكا ئايرۇپىلانلىرىنىڭ گۈمانلىق ئۇنسۇرلارنى گېرمانىيە ئارقىلىق يالاپ ماڭغانلىقىغا چۈشەنچە بېرىشنى ئۈمىد قىلغان ئىدى.

رايىس، دۈشەنبە كۈنى ياۋروپاغا قاراپ يولغا چىقىش ئالدىدا بۇش ھۆكۈمىتى مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ گۇمانلىق تېررورچىلارنى ئازابلىشىغا كۆز يۇمغانلىقىنى ئىنكار قىلدى. ئۇ، ئامېرىكىنىڭ ياۋروپادا مەخپىي تۈرمىسى بار - يوقلىقىغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلغان. (ئەركىن)