ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، خىتاينىڭ ھەربىي خامچوتىنى كۆپەيتكەنلىكىنى تەنقىد قىلدى

ئاۋسترالىيىنىزىيارەت قىلىۋاتقان ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندالىزا رايىس خىتاي ھۆكۈمىتى ھەربىي كۈچىنى ئاشۇرۇش مەسىلىسىدە تېخىمۇ ئوچۇق بولۇشى كېرەك ھەمدە خەلقئارا ئىقتىسادىي قائىدە- قانۇنلارغا ئاساسەن ھەرىكەت قىلىشى كېرەك، دېدى.

رايىس سىدنېيدە ئاۋسترالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئالكساندەر دوۋنەر بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن بەرگەن باياناتىدا، مەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىي خامچوتىنى 14% كۈپەيتكەنلىكىنى ئاڭلىدىم. بۇ ناھايىتى كۆپ بىر سان. خىتاي ھۆكۈمىتى مەقسىتىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئوچۇق ئىپادىلىشى كېرەك، دېدى.

خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى ئۆتكەن جۈمە كۈنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يىللىق ھەربىي خامچوتىنى 7.14 پىرسەنت كۆپەيتىش قارارىنى قوبۇل قىلغان ئىدى. بېيجىڭ ھۆكۈمىتى بۇ پۇلنى ئوفىتسېرلارنىڭ مائاشلىرىنى بېرىش ، يېڭى ئۈسكۈنىلەر ئېلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى ھەمدە پۇلنىڭ بىر قىسمىنى باھاسى كۈنسېرى ئۆرلەۋاتقان ئېنېرگىيە ئېھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رايس ئاۋسترالىيىدە، ئاۋسترالىيە ۋە ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، خىتاينىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان سىياسىي، ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي تەسىرى ھەققىدە سۆھبەتلەشمەكچى.

ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك بىر خادىمىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ ھەربىي كۈچىنى كۆپەيتكەنلىكى، ئامېرىكىنى تەيۋەن بوغۇزىدىكى ھەربىي ستراتېگىيىسىنى قايتىدىن كۆزدىن كۆچۈرۈشكە مەجبۇر قىلماقتا. (قانات)