كوندىلىزا رايس سەئۇدى ئەرەبىستانى پادىشاسى ئابدۇللا بىلەن سۆھبەتلەشتى

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۈگۈن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندىلىزا رايس خانىم سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاسى ئابدۇللا بىلەن كۆرۈشكەندە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ لىۋاننى قايتىدىن قۇرۇش ئۈچۈن بىر مىليون بەش يۈز مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ياردەم قىلغانلىقى، پەلەستىن پرېزىدېنتىنى قوللىغانلىقى، ئىراقنىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن ياردەملەشكەنلىكىگە يۇقىرى باھا بەردى.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، كوندىلىزا رايس خانىم بۇ قېتىم بىر ھەپتىلىك ئوتتۇرا شەرق سەپىرىنى باشلاشتىن بۇرۇن، ئۇچۇر ۋاستىلىرىغا ئۆزىنىڭ بۇ قېتىمقى ۋەزىپىسىنى ئىسلام دۇنياسىدىكى مۆتىدىل تەرەپلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ لىۋان، پەلەستىن ۋە ئىراقلاردا يېڭىدىن تەرەققى قىلىۋاتقان دېموكراتىنى قوللاشتىن ئىبارەت، دەپ بايان قىلغان ئىدى. كوندىلىزا رايس خانىم سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى زىيارىتىنى تاماملىغاندىن كېيىن يەنە مىسىر، ئىئوردانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى زىيارەت قىلىدۇ.