كوندالىزا رايىس بىلەن ئەنگىلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى ئافغانىستاننى تۇيۇقسىز زىيارەت قىلدى


2008-02-07
Share

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندالىزا رايىس بىلەن ئەنگىلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى داۋىد مىلىباند ، ئافغانىستاندىكى قارشىلىق ھەرىكىتى ئەڭ ئېغىر يۈز بېرىۋاتقان قەندەھار ئۆلكىسىدە، ئالدىن خەۋەر بەرمىگەن ئەھۋال ئاستىدا ئېلىپ بارىدىغان تۇيۇقسىز زىيارىتىنى رەسمىي باشلىدى.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا بۇ ئىككى دۆلەت رەھبىرى پەيشەنبە كۈنى ئافغانىستانغا يېتىپ بېرىپ، تالىبانلار بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقان شىمالىي ئاتلانتىك ئوكىيان ئەھدى تەشكىلاتى يەنى ناتونىڭ ئالدىنقى سەپتىكى رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشىدىكەن، رايىس لوندوندىن ئۇلار بىلەن بىرگە ئافغانىستانغا قاراپ يولغا چىققان مۇخبىرلارغا " : ئافغان خەلقى، قارشىلىق كۆرسەتكۈچى دۈشمەن كۈچلەرگە ، بىرلەشمە ئارمىيە قوشۇنلىرى بىلەن بىرلىكتە زەربە بېرىشتە زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك" دېگەن.

چارشەنبە كۈنى رايىس لوندوندا": بۇ ، شىمالىي ئاتلانتىك ئوكىيان ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئارمىيە قىسىملىرى ئافغانىستاندا ئۆزىنىڭ كۈچىنى ھەقىقىي نامايەن قىلىدىغان بىر پۇرسەت ، شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر، تالىبان قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلىرىگە قارشى ئۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئۆز زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك" دەپ تەكىتلەش بىلەن بىرگە يەنە": شىمالىي ئاتلانتىك ئوكىيان ئەھدى تەشكىلاتى‏- ناتوغا ئەزا دۆلەتلەر شۇنى ئېنىق تونۇشى كېرەككى، مەزكۈر تەشكىلات ئافغانىستاندىكى تالىبانلارغا قوراللىق زەربە بېرىش كۈرىشى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ بۇ كۈرىشى نوقۇل ھالدا بۇيرۇق ئىجرا قىلىش ئۈچۈنلا ئەمەس " دېدى.

شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى مۇشۇ ھەپتە لىتۋادا يىغىن ئاچماقچى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت