كوندىلىزا رايىس ئىراقنى زىيارەت قىلدى


2005.11.11

ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى كوندىلىزا رايىس، جۈمە كۈنى ئىراقنى تۇيۇقسىز زىيارەت قىلدى. رايىسنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇ زىيارەت جەريانىدا ئىراقلىقلارنى دىنىي ۋە مىللىي چەك چىگرىدىن ھالقىغان ھۆكۈمەت قۇرۇشقا ئۈندەيدىكەن.

رايىس، زىيارىتىنى شۇ كۈنى ئىراقنىڭ موسۇل شەھىرىدىن باشلاپ، بۇ يەردىكى ئامېرىكىلىك دىپلوماتلار، ھەربىي ئەمەلدارلار ۋە يەرلىك دائىرىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردى. رايىس، سەپەر ئۈستىدە مۇخبىرلارغا بۇ يىل 12 ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىراق سايلىمىدا ئامېرىكىنىڭ ئىراقتىكى ھېچقانداق بىر سىياسىي پارتىيە - گۇرۇھ ۋە ياكى شەخسكە يان باسمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما ئۇ، ئامېرىكا ئىراقتىكى بارلىق سىياسىي پارتىيە - گۇرۇھلار ۋە نامزاتلارنى سىياسىي ۋە دىنىي چەك - چىگرىدىن ھالقىغان بىر پۈتۈن ئىراق قۇرۇشقا چاقىرىدۇ، دېدى.

رايىسنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇ دۆلەت شىئەلەر، سۈنئىيلەر، كۈردلارنى ئاساس قىلغان ئۈچ چوڭ گۇرۇھ ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ھاكىمىيەتكە قاتناشتۇرغاندىلا ئۇلارنىڭ ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدىكەن.

موسۇل، ئىراقنىڭ سۈنئىي مۇسۇلمانلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان 2 - چوڭ شەھىرى شۇنداقلا كۈرد نوپۇسى بىر قەدەر كۆپ ئولتۇراقلاش ئىراق شەھەرلىرىنىڭ بىرى. موسۇل يېقىنقى ۋاقىتلارغىچە ئىراق تىركىشىش ھەرىكىتىنىڭ بۆشۈكى، دەپ قارىلاتتى. ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، يېقىنقى بىر قانچە ئايدىن بېرى تىركىشىش كۈچلىرىنىڭ بۇ يەردىكى ھەرىكىتى ئېغىر زەربىگە ئۇچرىغان.

رايىسنىڭ ئىراق زىيارىتى بىخەتەرلىك سەۋەبلىرىدىن ئالدىنئالا ئېلان قىلىنمىدى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.