ئامېرىكا جەنۇبىي كورىيىنىڭ پيوڭياڭنى ئېلېكتىر بىلەن تەمىنلەش پىلانىنى قارشى ئالدى


2005.07.13

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندىلىزا رايىس جەنۇبىي كورىيىنىڭ شىمالىي كورىيىنى ھەقسىز ئېلېكتىر بىلەن تەمىنلەش پىلانىنى قارشى ئالدى. ئەمما رايىس پيوڭياڭنى ئاگاھلاندۇرۇپ، شىمالىي كورىيە يادرو قوراللار پىلانىدىن پۈتۈنلەي ۋاز كېچىشى كېرەك، دەپ تەكىتلىگەن. شىمالىي كورىيە يېقىندا بۇ ئاينىڭ ئاخىرلىرىغىچە يادرو قوراللار سۆھبەت ئۈستىلىگە قايتىپ كېلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

كوندىلىزا رايىس، چارشەنبە كۈنى سىيولدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىپ، شىمالىي كورىيە ئېلېكتىر ئېنېرگىيىسىگە ئېھتىياج، ئەمما ئۇ يادرو قوراللار پىلانىدىن ۋاز كېچىشى كېرەك، دەپ كۆرسەتتى.

رايىسنىڭ تەكىتلىشىچە، ئامېرىكا شىمالى كورىيىنى سۆھبەت ئۈستىلىگە قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن شىمالىي كورىيىگە نەپ بەرمىگەن. ئۇ، ئامېرىكىنىڭ مەيدانىدا ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ ئارىدا چارشەنبە كۈنى خىتاي دۆلەت كومىسارى تاڭ جياشۈئەن پيوڭياڭنى زىيارەت قىلىپ، شىمالىي كورىيە رەھبىرى كىم جۇڭئىل بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردى.

شىنخۇئا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كىم جۇڭئىل، شىمالىي كورىيىنىڭ مەقسىدى كورىيە يېرىم ئارىلىنى يادروسىزلاشتۇرۇش، دەپ تەكىتلىگەن. تەرەپلەر شىمالىي كورىيە يادرو قوراللار مەسىلىسى بويىچە 6 دۆلەت سۆھبىتىنىڭ 25 - ئىيۇلدا باشلىنىشىنى ئۈمىد قىلماقتا. سۆھبەت ھازىرغا قەدەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ساھىپخانلىقىدا ئېلىپ بېرىلدى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.