ئاتاقلىق كىنو چولپىنى رىچارد گېر، خىتاينى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ئوچۇق بولۇشقا چاقىردى
2007.09.03
ئامېرىكىنىڭ ئاتاقلىق كىنو چولپىنى رىچارد گېر، خىتاي ھۆكۈمىتىنى، 2008- يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ھارپىسىدا، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ئوچۇق بولۇشقا چاقىردى.
ئىتالىيىنىڭ ۋېنىس شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان، ۋېنىس كىنو فېستىۋالىغا قاتنىشىۋاتقان رىچارد گېر، دۈشەنبە كۈنى بەرگەن باياناتىدا، "مەن خەلقئارا جامائەتنى ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرمايمەن. ئەمما، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەقىقەتلەرنى ئاشكارىلىشىنى خالايمەن. ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى ئولىمپىك توغرىسىدا سەمىمىي بولۇشنى خالىسا، دۆلەت ئىچىدە قانداق ۋەقەلەر يۈز بېرىۋاتقانلىقى توغرىسىدا ئوچۇق بولۇشى كېرەك" دېدى.
تىبەت داۋاسى ۋە دالاي لامانىڭ غەربتىكى ئەڭ قىزغىن قوللىغۇچىلىرىنىڭ بېرى بولغان رىچارد گېر باياناتىدا، "خىتايدىكى دەھشەتلىك كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرگە بولۇپمۇ، تىبەتكە قارىتىلغان مەدەنىيەت بۇزغۇنچىلىقى ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى چوقۇم مۇنازىرە قىلىنىشى كېرەك "دەپ كۆرسەتتى.
خىتاي ھۆكۈمىتى، تىبەت مەسىلىسى ۋە دالاي لامانى قوللىغانلىقى ئۈچۈن، رىچارد گېرنىڭ خىتايغا كىرىشىنى چەكلىگەن بولۇپ، 1993- يىلدىن بېرى ئۇنىڭ خىتاينى زىيارەت قىلىشىغا رۇخسەت بەرمەي كەلمەكتە. (ئۆمەر قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئەنگىلىيە مىنسىتىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ياخشىلىشىنى تەلەپ قىلدى
- مېركېل، خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ئۈچۈن ئالقىشقا ئېرىشمەكتە
- گېرمانىيە باش مىنىستىرى مېركېل خىتاينى كىشىلىك ھوقۇققا ئەھمىيەت بېرىشكە چاقىردى
- گېرمانىيە باش مىنىستىرى خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىدە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى
- گرېتسىيىدىكى ئوت ئاپىتىدە 50 تىن ئارتۇق ئادەم ئۆلدى
- كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى: كىشىلىك ھوقۇقنى بىخەتەرلىككە قۇربان قىلىۋېتىشكە بولمايدۇ
- ئافېنادا بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىغا قارشى كىشىلىك ھوقۇق مەشئىلى ياندۇرۇلدى
- ئامېرىكا پارلامىنت ئەزالىرى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ئۈچۈن ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىش ھەققىدە تەكلىپ سۇندى