رىم پاپاسى مۇراسىمغا كېلەلمىگەن خىتاي ئېپىسكوپىغا سالام يوللىدى

ۋاتىكاندا رىم كاتولىك دىنى باش ئېپىسكوپلار يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان رىم پاپاسى بېنېدىكت XVI خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مەزكۇر يىغىنغا كەلتۈرۈلمىگەن 4 نەپەر خىتاي باش ئېپىسكوپىغا ئالاھىدە سالام يوللىدى. بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن باش ئېپىسكوپلارمۇ يىغىنغا قاتنىشالمىغان خىتاي ئېپىسكوپلىرىغا خەت يوللاپ سالىمىنى ۋە قايغۇسىنى ئىپادىلەپ، ۋاتىكان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ تېزراق ئەسلىگە كېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رىم پاپاسى بۇ 4 نەپەر خىتاي باش ئېپىسكوپىنى 10 -ئاينىڭ 2 -كۈنىدىن 23 - كۈنىگىچە داۋاملىشىدىغان مەزكۇر يىغىنغا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ توسقۇنلىقى بىلەن ئۇلارنىڭ سەپىرى توختاپ قالغان ئىدى. خىتاي دائىرىلىرى ئىلگىرى، تەيۋەن مەسىلىسىنىڭ بۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلغان ئاساسلىق ئامىل ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.

بۇ 4 نەپەر خىتاي باش ئېپىسكوپىنىڭ ئارىسىدىكى بىرى رىم پاپاسىغا خەت يېزىپ، ئۆزىنىڭ بۇ يىغىنغا قاتنىشالمىغانلىقىدىن تولىمۇ ئەپسۇسلانغانلىقىنى ھەمدە ۋاتىكان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ۋاتىكان 1950 - يىللىرى خىتاينىڭ كاتولىك دىنىي مۇرىتلىرىنى خىتايدىن قوغلاپ چىقارغانلىقى سەۋەبىدىن خىتاي بىلەن بولغان دېپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزگەن ئىدى. خىتاي دائىرىلىرى ئەگەر ۋاتىكان تەيۋەننى ئېتىراپ قىلماي "بىر جۇڭگو"سىياسىتىنى ياقلىسا، ئۇ چاغدا خىتاينىڭ ۋاتىكان بىلەن مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى خالايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

بۇ قېتىملىق يىغىنغا دۇنيادىكى 118 دۆلەتتىن 250 كە يېقىن باش ئېپىسكوپ كېلىپ قاتناشقان بولۇپ، تەيۋەندىنمۇ ئىككى نەپەر باش ئېپىسكوپ كەلگەن. (پەرىدە)