ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزالىرى ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قارشى ئالەم بوشلۇقى رىقابەت كۈچىنى كۈچەيتىشكە چاقىردى


2007.02.02

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتا ئەزالىرى يېقىندا پرېزىدېنت بۇشقا خەت يېزىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى خىتاينىڭ ئالەم بوشلۇقى رىقابەت كۈچىگە قارشى تەدبىر ئېلىشقا چاقىردى.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا بۇ خەت، خىتاي ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ 11 - يانۋار كۈنى ئالەم بوشلۇقىدا سۈنئىي ھەمراھغا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ بارغانلىقىغا قارىتىپ يېزىلغان بولۇپ، خەتتە خىتايلار يېقىندا ئېلىپ بارغان بۇ سىناق ئالەم بوشلۇقىنى ھەربىيلەشتۈرۈش دەۋرىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىدىن بىشارەت بەرمەكتە، دېيىلگەن.

بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇ خەت جۇمھۇرىيەتچى ئاۋام پالاتا ئەزالىرى خۇنتېر، ئېۋېرىتلار تەرىپىدىن يېزىلغان. دانكۇن خۇنتېر، خىتاينىڭ ئامېرىكا ئالەم بوشلۇقى ئەسلىھەلىرىگە زەربە بېرىش ئىقتىدارىنى سىناپ باققانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ياۋروپا ئەللىرىنى خىتايغا سۈنئىي ھەمراھ ۋە ئالەم بوشلۇقى تېخنىكىسى سېتىپ بەرمەسلىككە چاقىردى.

خىتاينىڭ 11 - يانۋاردا ئېلىپ بارغان ئالەم بوشلۇقى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىماي قالمىدى. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدىكى ئەمەلدارلار ئامېرىكىنىڭ ئالەم بوشلۇقى ئەسلىھەلىرىنى قوغداش ئىقتىدارى كۈچلۈك، دەپ تەكىتلىسىمۇ، لېكىن يەنىلا خىتاينىڭ بۇ قېتىمقى ئالەم بوشلۇقى ھەربىي سىنىقىنى ئەيىبلىمەكتە.

بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى پەيشەنبە كۈنى باشقا دۆلەتلەر بىلەن ئالەم بوشلۇقىدا ھەربىي ھازىرلىقلار مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىشنى چەكلەش كېلىشىمى ئىمزالاشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.