ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى كوندولىزا رايسنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولىشىنى ماقۇللىدى


2005.01.26

بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ سابىق دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى كوندولىزا رايس چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كېڭەش پالاتاسىنىڭ بىردەك ماقۇللىشى بىلەن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولۇپ تەيىنلەندى. ئۇ ئامېرىكا تارىخىدىكى تۇنجى قارا تەنلىك ئايال تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئەمما ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدىكى بىر قانچە دىموكراتچى ئەزالار كوندولىزا رايسنى ئىراق مەسىلىسىدە ئەيىپلىدى. دىموكراتچى كېڭەش پالاتا ئەزاسى ئېدۋورد كېنېدى (Edward M. Kennedy) كوندولىزا رايسنىڭ ئىراق ئۇرۇشىنىڭ باش پىلانلىغۇچىسى ئىكەنلىكىنى ۋە شۇ سەۋەپتىن ئۇنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولۇشقا لايىق ئەمەسلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۆتكەن ھەپتە كوندولىزا رايس ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدا، ئىراق ئۇرۇشى مەسىلىسىدە ئۆزىنى ئاقلىدى ھەمدە ئىراق ئۇرۇشىنىڭ توغرا ئېلىپ بېرىلغان بىر ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئىدى.(پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.