رايس ئافغانىستاندىكى دېموكراتىك تەرەققىياتلارنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى


2005.03.17

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندىلىزا رايىس پەيشەنبە كۈنى ئافغانىستاننى زىيارەت قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىكى دېموكراتىك تەرەققىياتلارنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ بۇ سۆزنى كابۇلدا ئافغانىستان پرېزىدېنتى خەمىد كارزاي بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەندىن كىيىنكى بىرلەشمە مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا ئېيتقان.

خەمىد كارزاي يىغىندا، بۇ يىل 5 - ئايدا ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىغان ئافغانىستان پارلامېنت سايلىمىنى 9 - ئايغا كېچىكتۈرگەنلىكىنى جاكالىدى. ئۇ سايلامنى " تېخنىكىلىق ئامىللار" سەۋەبىدىن كىچىكتۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندىلىزا رايىس بولسا، ئامېرىكىنىڭ داۋاملىق تۈردە ئافغانىستانغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، "1989 - يىلى سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ئارمىيىسى ئافغانىستاندىن چىكىنگەندىن كىيىن، بۇ يەردە ئامېرىكىنىڭ تەسىرى قالمىغان. ئامېرىكا بۇنىڭدىن قاتتىق ساۋاق ئالدى. ھەرگىزمۇ ئافغانىستاننى تاشلاپ قويمايدۇ"- دېدى.

كوندىلىزا رايىس زىيارىتىدە ئافغان رەھبەرلىرى بىلەن يەنە ئافغانىستاننى قايتا قۇرۇش، زەھەرلىك چىكىملىك ۋە تېرررورچىلىققا قارشى تۇرۇش مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى.

كوندىلىزا رايىس پەيشەنبە كۈنى پاكىستاندىن ئافغانىستانغا يىتىپ كەلگەن. ئۇ پەيشەنبە كۈنى كەچتە يەنە پاكىستانغا قايتىپ، پاكىستاننىڭ پرېزىدېنتى پەرۋىز مۇشەررەف بىلەن ئۇچراشتى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، كوندىلىزا رايىس پاكىستان ھۆكۈمىتىدىن " ئاتوم ئاتىسى" دەپ نام ئالغان ئابدۇللا قادىرخاننىڭ يادرو تورىنى ئۈزۈل - كېسىل بىتچىت قىلىشنى تەلەپ قىلغان. پاكىستان دائىرىلىرى ئىلگىرى قادىرخاننىڭ ئىرانغا ئۇران پىششقلاپ ئىشلەپچىقىرالايدىغان ئەسلىھەلەرنى سېتىپ بەرگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان ئىدى. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.