رايىس خىتاينى زىيارەت قىلدى


2005.03.20

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندىلىزا رايىس يەكشەنبە كۈنى بېيجىڭغا يىتىپ كەلدى. بۇ ئۇنىڭ ئاسىيا زىيارىتىنىڭ ئاخىرقى بېكىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

رويتىرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كوندىلىزا رايىس خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ ۋە باش مىنىستىرى ۋېن جىياباۋ بىلەن كۆرۈشۈپ، "دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى قانۇن" ۋە شىمالىي كورىيە يادرو كىرىزىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار مەسىلىلەر ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزگەن.

خىتاي باش مىنىستىرى ۋىنجىياباۋ سۆھبەتتە " دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى قانۇنى" نى ئاقلاپ، ئامېرىكىنىڭ بۇ قانۇننى " چۈشىنىشىنى" سورىغان. ئامېرىكا تەرەپ تېخى بۇ قېتىمقى سۆھبەت ھەققىدە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىدى.

كوندىلىزا رايىس سۆھبەتتىن كىيىن، بېيجىڭدىكى بىر چىركاۋنىڭ يەكشەنبە كۈنىلىك تاۋابات پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، كوندىلىزا رايىسنىڭ ئاتايىتەن خىتايدىكى چىركاۋنى زىيارەت قىلىشنى ئورۇنلاشتۇرىشى، ئامېرىكىنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق، بولۇپمۇ دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتىگە بولغان ئەندىشىسىنى ئىپادىلەيدىكەن.

كوندىلىزا رايىس بېيجىڭغا كېلىشنىڭ ئالدىدا جەنۇبىي كورىيىنى زىيارەت قىلغان. ئۇ سىيولدا ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنى خىتاينىڭ ھەربىي زامانىۋېلىشىش ئىشلىرىغا ياردەم بەرمەسلىككە چاقىرىپ، " ئەگەر ياۋرۇپا دۆلەتلىرى مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ خىتايغا ئىلغار قوراللارنى ساتسا، بىر كۈنى خىتاي بۇ قوراللارنى ئامېرىكىنىڭ تىنچ ئوكياندىكى قوشۇنلىرىغا قارشى ئىشلىتىشى مۇمكىن" دېدى. ئۇ يەنە تىنچ ئوكيان رايونىنى ياۋرۇپا ئەمەس، بەلكى ئامېرىكا قوغداۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنسىتىرى كوندىلىزا رايىس دۈشەنبە كۈنى خىتايدىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئامېرىكىغا قايتىپ كېلىدۇ.(ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.