ئاۋسترالىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى كوندالىزا رايىس پەيشەنبە كۈنى ئاسىيا - تىنچ ئوكيان دۆلەتلىرىگە قىلغان سەپىرىنىڭ مۇھىم بېكىتى ئاۋسترالىيىنى زىيارەت قىلغاندا، خىتاي مەسىلىسى ئۇنىڭ زىيارەت كۈنتەرتىپىدىكى مۇزاكىرە تېمىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قېلىشى مۈمكىن.
بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقى، ئاۋسترالىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ئالېكساندىر دوۋنېرنىڭ " بېيجىڭنىڭ يۈكسىلىۋاتقان تەسىرىنى خەلقئارا ئىشلاردا مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن قوللىنىشى ناھايىتى مۇھىم " دەپ تەكىتلىگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. دوۋنېرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئامېرىكا بىلەن ئاۋسترالىيە خىتاينىڭ ئىجابىي ھەمكارلىقىنى ئۈمىد قىلىدىكەن. رايىس ئالدىمىزدىكى پەيشەنبە كۈنى ئاۋسترالىيىگە يېتىپ بارىدۇ.
ياپونىيە رايىسنىڭ بۇ سەپىرىدىكى يەنە بىر زىيارەت بېكىتى. ئۇ، ياپونىيىنى زىيارەت قىلغاندا خىتاينىڭ ھەربىي تەرەققىيات ئەھۋالىنى مۇزاكىرە قىلىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە رايىس سەيشەنبە كۈنى ھىندونېزىيىنى زىيارەت قىلغاندا تېررور، خاماس ۋە ئوتتۇرا شەرق مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ. غەرب دۆلەتلىرى خەلقئارا مەسىلىلەردە خىتاينىڭ مەسئۇلىيەتچان رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلماقتا. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى بېيجىڭدا ئېچىلىۋاتقان خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىدا جۇڭگونىڭ بۇ يىلقى ھەربىي خام چوتىنى 14 پىرسەنت ئۆستۈردى.
ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە خىتاي ھەربىي كۈچى ئۇنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان سەۋىيىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئالېكساندىر دوۋنېر " خىتاينىڭ باش كۆتىرىش مەسىلىسىدە بىز ئامېرىكىلىقلار بىلەن ئوخشاش تونۇشقا ئىگە. بىز قارشىلىشىش سىياسىتىنى خالىمايمىز " دەيدۇ. ئۇ، " بىز ھەمكارلىقنى قوغلىشىمىز " دەپ تەكىتلىگەن. (ئەركىن)