رامسفېلد خىتاي ھەققىدە توختالدى
2005.10.23
ئۆتكەن ھەپتىدە خىتاينى ۋە موڭغۇلىيىنى زىيارەت قىلىش سەپىرىنى ئاخىرلاشتۇرغان ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى رامسفېلد ئۆزىنىڭ بۇ قېتىمقى سەپىرى ھەققىدە توختالدى.
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى رامسفېلد ئۆزىنىڭ خىتايدا ئېلىپ بارغان ئۈچ كۈنلۈك سەپىرىدىن خۇلاسە چىقىرىپ، ھازىر خىتاينىڭ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرى بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ئالاقىلارنى زور دەرىجىدە تەرەققى قىلدۇرىۋاتقانلىقى، بۇ خىل ئالاقىلەرنىڭ خىتاينىڭ ھەر قايسى ئەركىن ئىقتىسادىي ۋە سىياسى تۈزۈلمىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئۇچرىشىشلىرى تېخىمۇ كۆپەيتىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاينىڭ ھامان ئۆز دۆلىتىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىن ئۆزىنى چەتكە ئالالمايدىغانلىقى، خىتاينىڭ ھامان ئۆزىدىكى تۈرلۈك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا مەجبۇر بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. رامسفېلد ئۈچ كۈنلۈك خىتاي سەپىرىدە خىتاينى ھەربىي خىراجەت ۋە يادرو قوراللىرى مەسىلىسىدە ئاشكارا تەنقىد قىلغان ئىدى.
رامسفېلد يەنە ئۆزىنىڭ موڭغۇلىيىگە ئېلىپ بارغان زىيارىتى ھەققىدە توختىلىپ، موڭغۇلىيە رەھبەرلىرىنىڭ ئۇنىڭدا چوڭقۇر تەسىرات قىلدۇرغانلىقى، موڭغۇلىيىنىڭ ئوچۇق ۋە ئەركىن ئىقتىسادىي ھەم سىياسىي تۈزۈمنى يولغا قويۇشىنىڭ توغرا بولغانلىقى ھەمدە ئۇلارنىڭ بۇ سىياسىتىنىڭ نەتىجە قازىنىشىغا تىلەكداش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
رامسفېلد يەنە موڭغۇلىيىنىڭ ئامېرىكىغا ياردەملىشىپ، ئىراققا ئەسكەر ئەۋەتكەنلىكى موڭغۇلىيىنىڭ باشقا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئۈچۈن ئۈلگە تىكلەپ بەرگەنلىكى شۇڭا باشقا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ موڭغۇلىيىدىن ئۈلگە ئېلىشى لازىملىقىنى تەكىتلىگەن. (ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- رامىسفىلد خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچراشتى
- ئامېرىكا بېيجىڭنى دۆلەت مۇداپىئە خىراجەتلىرى ھەققىدە ئوچۇق- يورۇق بولۇشقا چاقىردى
- ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خىتاينى زىيارەت قىلدى
- ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى سىنوۋ خىتاينى خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى ئۆستۈرۈشكە ئۈندەيدۇ
- روبېرت زويلىك: خىتايدا بىر پارتىيە دىكتاتورلىقى ئۇزۇنغا بارمايدۇ