ئىز-دىرەكسىز يوق بولۇپ كەتكەن رۇس ساياھەتچىلەرنىڭ ئىككىسىنىڭ جەسىتى تېپىلدى

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ شەنبە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە ۋە خىتاي قۇتقۇزغۇچى خادىملىرى، ئۇيغۇر ئېلىدە ئىككى ھەپتىدىن بېرى ئىز-دىرەكسىز يۇق بولۇپ كەتكەن 6 رۇس سەياھەتچىنىڭ ئىككىسىنىڭ جەسىتىنى تاپقان.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىككى رۇس سەياھەتچىنىڭ جەسىتى، يۇرۇڭقاش دەرياسى بويىدىكى بىر قېيىق ئاسىتىدا تېپىلغان.

رۇس ۋە خىتاي قۇتقۇزغۇچى خادىملىرى، ئىككى كۈن بۇرۇن رۇس سەياھەتچىلەرگە ئائىت ئىككى قېيىق بىلەن كىيىم- كېچەكلىرىنىڭ تېپىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

رۇس ساياھەتچى گۇرۇپپىسى ئاۋغۇست ئېيىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن بېرى، يۇرۇڭقاش دەرياسىدا قېيىق بىلەن ساياھەت قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ ئاينىڭ باشلىرىدىن بېرى ئۇلار بىلەن ئالاقە ئۈزۈلگەن. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، پىلان بويىچە رۇس ساياھەتچىلەر بۇ ئاينىڭ باشلىرىدا خوتەنگە كېلىشى كېرەك ئىكەن.

ساياھەت ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىگە كېلىۋاتقان چەتئەللىك ساياھەتچىلەرنىڭ سانى كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقان بولۇپ، ئىگىلەشلەرگە قارىغاندا، يېقىندىن بېرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بى پايان چۆللىرى، ھەيۋەتلىك تاغ ۋە ئورمانلىرى، بولۇپمۇ تەۋەككۇلچى چەتئەللىك ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلماقتا. (ئۆمەر قانات)