يۇرۇڭقاش دەرياسىدا يوقاپ كەتكەن 6 نەپەر رۇس ساياھەتچىنى ئىزلەش ئىشلىرى داۋام ئەتمەكتە
2007.09.10
خوتەن يۇرۇڭقاش دەرياسىدا قېيىق ھەيدەش ساياھىتى ئېلىپ بېرىۋېتىپ يوقاپ كەتكەن 6 نەپەر رۇس ساياھەتچىنى ئىزدەش ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن، 10- سېنتەبىر ئەتىگەندە خىتاي ھۆكۈمىتى بىر دانە ھەربىي تىكئۇچار ئاجراتتى. تىكئۇچارنىڭ ئەسلىدە يەكشەنبە كۈنى خوتەنگە بېرىپ بولىدىغانلىقى ئالدىن پىلانلانغان بولسىمۇ، ئەمما مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى كېچىكتۈرۈلگەن.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئۈرۈمچىدىن بەرگەن خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، يەرلىك دېھقانلارمۇ يوقاپ كەتكەن 6 نەپەر رۇس ساياھەتچىلەرنى ئىزدەشكە ھەيدەلگەن بولۇپ، قوراللىق ساقچى قىسىم ئەسكەرلىرى، دېھقان-چارۋىچىلار بولۇپ مىڭدىن ئوشۇق ئادەم يۇرۇڭقاش دەرياسىنىڭ يۇقىرى ۋە تۆۋەن ئېقىنىدا 3 ھەپتە ئىلگىرى بۇ دەريادا قېيىق ھەيدەش سەپىرىنى باشلىغان 6 نەپەر رۇس ساياھەتچى ۋە بىر نەپەر يەرلىك ساياھەت يېتەكچىسىنى ئىزدىگەن بولۇپ، ئومۇمى ئىزدەش مۇساپىسى 406 كىلومېتىر ئەتراپىدا بولغان.
مەزكۇر 6 نەپەر رۇس ساياھەتچى 11 -ئاۋغۇست ئۈرۈمچىدىن خوتەنگە يېتىپ كەلگەن ھەمدە شۇ كۈنى كېرىيە ناھىيىسىگە چۈشكەن. باشقىلارنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ 6 نەپەر رۇس ساياھەتچى ئالدىن كېلىشىپ قويغىنى بۇيىچە 2- سېنتەبىر قايتىپ كەلمىگەندىن كىيىن ئۇلارنى ئىزدەش داۋام ئەتمەكتە. (جۈمە)