رۇسىيىلىك قۇتقۇزۇش خادىملىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خوتەن ۋىلايىتى يورۇڭقاش دەرياسىدا يوقاپ كەتكەن ئاخىرىقى رۇس ساياھەتچىنى ئىزدەشتىن ۋاز كېچىپ، پەيشەنبە كۈنى دۆلىتىگە قايتتى. شۇ كۈنى رۇس ساياھەتچىلەرنى قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە قاتناشقان رۇسىيىلىك ئەترەت، يۈك تاقىلىرىنى ۋە قۇتقۇزۇۋېلىنغان 2 رۇس ساياھەتچىسى بىلەن 3 نەپەر جەسەتنى ئېلىپ، ئىليۇشىن بەلگىلىك ترانسپورت ئايرۇپىلانىدا دۆلىتىگە قايتقان.
رايوندىكى يەرلىك مەتبۇئاتلار ، خىتاي قۇتقۇزۇش خادىملىرىنىڭ ھازىرغىچە ئىز دېرىكى تېپىلغان ئاخىرقى رۇسىيىلىك ساياھەتچىنى داۋاملىق ئىزدەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن كۆزەتكۈچىلەر رۇسىيە قۇتقۇزۇش ئەترىتىنىڭ دۆلىتىگە قايتقانلىقى رۇس ساياھەتچىنىڭ ھايات تېپىلىشىدىن ئۈمىد ئۈزگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارىماقتا.
رۇسىيىلىك 6 نەپەر تەۋەككۈلچى يورۇڭقاش دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمىدىن يەلقېيىقتا ئۈزۈپ كەلمەكچى بولۇپ، 8 - ئاينىڭ ئاخىرلىرى يولغا چىققان بولسىمۇ، لېكىن تەۋەككۈلچىلەر 9 - ئاينىڭ 6 -كۈنىگىچە قايتىپ كەلمىگەندىن كېيىن، يەرلىك تەرجىمانلار ئەھۋالنى خوتەن ساياھەت ئورگانلىرىغا مەلۇم قىلغان. نەتىجىدە رۇسىيە ۋە خىتاي بىرلەشمە قۇتقۇزۇش ئەترىتى يورۇڭقاش دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمىدا 3 ھەپتىگىچە چارلاش ئېلىپ بېرىپ، 3 رۇسىيىلىك تەۋەككۈلچىنىڭ جەسىتىنى تاپقان ۋە 2 رۇسىيىلىكنى تىرىك قۇتقۇزىۋالغان ئىدى. قۇتقۇزۇش ئەترىتى 26 - سېنتەبىر كۈنى ئاختۇرۇشنى توختاتتى.
يورۇڭقاش دەرياسىدا يۈز بەرگەن بۇ ۋەقە رۇسىيە ۋە خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا كەڭ خەۋەر قىلىندى. رۇسىيە مەتبۇئاتلىرى بۇ 6 نەپەر تەۋەككۈلچىنى خەتەرگە تەۋەككۈل قىلغۇچى ئەزىمەتلەر، دەپ تەرىپلىسە، خىتاي مەتبۇئاتلىرى رۇسىيىلىكلەر يورۇڭقاشنى بويسۇندۇرالمىدى، دەپ يازدى. (ئەركىن)
