روسىيىدىكى قوراللىق كۈچلەر گۆرۈگە ئېلىنغان بىر قىسىم ئاياللار ۋە بالىلارنى قويۇپ بەردى
2004.09.02
روسىيىنىڭ چېچەنىستانغا چىگراداش بېسلان شەھىرىدىكى بىر مەكتەپتە نەچچە يۈز كىشىنى گۆرۈگە ئېلىپ تۇرىۋاتقان قوراللىق كۈچلەر پەيشەنبە كۈنى بىر قىسىم بالىلار ۋە ئاياللارنى قويۇپ بەردى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، قوراللىق كۈچلەر ھازىرغىچە 31 نەپەر ئايال ۋە بالىنى قويۇپ بەرگەن. بۇنىڭدىن سەل ئىلگىرى مەكتەپ تەرەپتىن بىر يۈرۈش پارتلاش ئاۋازى ۋە ئوق ئاۋازى ئاڭلانغانلىقى ھەمدە مەكتەپ بىناسى تەرەپتىن ئىس- تۈتەك كۆتۈرۈلگەنلىكى ھەققىدە خەۋەرلەر چىققان ئىدى. بىراق ھازىرغىچە مەكتەپ ئىچىدىكى ۋەزىيەت تېخى ئېنىق ئەمەس.
روسىيە پرېزدېنتى ۋىلادېمىر پۇتىن، كىرزىسنى قورال كۈچى بىلەن ھەل قىلىشنى چەكلەپ، گۆرۈگە ئېلىنغانلارنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇشنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويغانلىقىنى بىلدۈردى.
چارشەنبە كۈنى بىر تۈركۈم قوراللىق كۈچلەر چېچەنىستان بىلەن چىگرىداش ئوسسېتىيا جۇمھۇرىيىتى بېسلان شەھىرىدىكى بىر مەكتەپنى ئىشغال قىلىپ، 350 تىن ئارتۇق ئادەمنى گۆرۆگە ئالغان . گۆرۆگە ئېلىنغانلارنىڭ كۆپىنچىسى بالىلار ئىكەن.
چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭ بىلدۈرىشىچە، مەكتەپنى ئىشغال قىلغان قوراللىق كۈچلەرنىڭ ئىچىدە چېچەنلەر بار بولۇپ، بەزىلىرى بەللىرىگە پارتلاتقۇچلارنى تېڭىۋالغان ئىكەن. ئۇلار روسىيە ھۆكۈمىتىدىن چېچەنىستاندىن قوشۇن چىكىندۈرۈشنى ۋە ئىلگىرى قولغا ئېلىنغان سەبداشلىرىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلماقتا.
مەزكۈر قوراللىق كۈچلەر يەنە 300 دىن ئارتۇق كىشىنى گۆرەگە ئېلىپ تۇرىۋاتقان بىر پەيتتە، ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشى ئالاھىدە يىغىن چاقىرىپ، بۇ قېتىمقى ھوجۇمنى قاتتىق ئەيىپلىدى ھەمدە قوراللىق كۈچلەردىن گۆرۆگە ئېلىنغانلارنى دەرھال قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. (ئارزۇ)