خىتاي رۇسىيە بىلەن تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە تەييارلاندى


2004.09.08

خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇجىڭتاۋ چارشەنبە كۈنى رۇسىيە پرېزدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىنغا ئۇچۇر ئەۋەتىپ، خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتە رۇسىيە بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى شۇنداقلا خىتاي خەلقىنىڭ رۇسىيىلىكلەرگە بولغان ھېسداشلىقى سۈپىتى بىلەن رۇسىيىگە 1 مىليون 2 يۈز مىڭ دوللار ياردەم پۇلى بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خۇجىڭتاۋ تېلېۋىزوردا بېرىلگەن كەچلىك خەۋەردە، "خىتاي، رۇسىيەنىڭ بىرلىكى ۋە تېرىتورىيىلىك پۈتۈنلىكىنى قوغداش يولىدا قىلغان بارلىق ھەرىكەتلىرىنى كۈچلۈك قوللايدۇ" دەپ بىلدۈرگەن.

ئۇ سۆزىدە يەنە، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورچىلىق، بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى ئۇرۇشتا رۇسىيە بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى ھەم مۇقىملىقىنى بىرلىكتە ساقلاشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.