روسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادېمىر پۇتىن كېلەر ھەپتە خىتاينى زىيارەت قىلىدۇ


2004.10.10

روسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادېمىر پۇتىن كېلەر پەيشەنبە كۈنى خىتايغا قىلىدىغان ئۈچ كۈنلۈك زىيارىتىنى باشلايدۇ.

كىرىملىن سارىيى باياناتچىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋىلادېمىر پۇتىن خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇجىنتاۋ بىلەن ئۇچرىشىپ، سىياسىي ، ئىقتىسادىي ۋە خەلقئارا ھەمكارلىق ھەققىدىكى بىر يۈرۈش ھۆججەتلەرگە قول قويىدۇ.

چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭ يەكشەنبە كۈنى بەرگەن خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، پۇتىننىڭ زىيارىتى جەريانىدا، خىتاي روسىيە نېفىت تۇرۇبا يولى مەسىلىسى ۋە ھەربىي قورال سودىسى ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى سۆھبىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بولىشى مۇمكىن.

رۇسىيىنىڭ سىبىرىيىدىكى ئانگىرىسكىي نېفىتلىكىدىن باشلىنىدىغان تۇرۇبا يولىنى خىتايغىمۇ ياكى ياپۇنىيىگە تۇتاشتۇرۇش كېرەكمۇ دېگەن مەسىلىدە روسىيە ھۆكۈمىتى تېخى ئېنىق بىر قارار بەرمىگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇزۇندىن بويان بۇ ھەقتە كېلىشىم ھاسىل قىلىشنى ئۈمىد قىلىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق روسىيە دائىرىلىرى سىياسىي ۋە باشقا ئامىللارنى نەزەردە تۇتۇپ تۇرۇبا يولىنى ياپۇنىيىگە تۇتاشتۇرۇشنى خالاۋاتقاندەك بەزى ئۇچۇرلارنى بەرگەن ئىدى.

بەزى ئانالىزچىلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، پۇتىننىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىدە، ئەگەر ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى نېفىت تۇرۇبا يولى قۇرۇلۇشى ۋە نېفىت تەمىناتى قاتارلىق بىر قاتار جىددىي مەسىلىلەردە بىر پىكىرگە كىلەلمىسە، بۇ خىتاي- روسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا بىۋاسىتە تەسىر ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن ئىكەن. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.