رۇسىيە پرېزدېنتى پۇتىن خىتاينى زىيارەت قىلماقچى

رۇسىيە پرېزدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن، رۇسىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇناسىۋەتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن بۇ ھەپتە خىتايغا زىيارەتكە بارماقچى.

فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ سەيشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، پۇتىن خىتايدىكى ئىككى كۈنلۈك زىيارىتىنى پەيشەنبە كۈنى باشلايدىغان بولۇپ، ئۇ ئىككى تەرەپنىڭ سودا ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن سىرت، رۇسىيەنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇپ كىرىشىدە خىتاينىڭ قوللىشىنى ئىستەيدىكەن.

شۇنداقلا يېقىنقى بىر نەچچە يىللاردىن بۇيان ئېنېرگىيە مەسىلسى خىتاي-رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىدە مۇھىم ئورۇننى ئىگەللىمەكتە. (پەرىدە)