خىتاي نېفىت تۇرۇبىسى مەسىلىسىدە رۇسىيە بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلالمىدى


2004.10.15

رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن جۈمە كۈنى خىتاينىڭ شىئەن شەھرىنى زىيارەت قىلدى. بىراق رۇسىيە بىلەن خىتاي ئانگارىسكىي - داچىڭ نېفىت تۇرۇبىسى پىلانى مەسىلىسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلالمىدى. بېيجىڭ بىلەن موسكۋا پەيشەنبە كۈنى ئىككى دۆلەت چىگرا ئەھدىنامىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار كېلىشىملەر تۈزگەن. چېگرا كېلىشىمى رۇسىيە - خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى 40 نەچچە يىللىق چېگرا ئىختىلاپىنى ھەل قىلدى. بىراق ئانگارىسكىي - داچىڭ نېفىت تۇرۇبىسى پىلانىدا كېلىشىم ھاسىل قىلالمىغانلىقى خىتاي دائىرىلىرىنى ئۈمىتسىزلەندۈرگەن. ۋالادىمىر پۇتىن نېفىت تۇرۇبىسى مەسىلىسىنى ئويلاشقاندا رۇسىيەنىڭ دۆلەت مەنپەئەتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. رۇسىيىنىڭ يىراق - شەرق نېفىت تۇرۇبىسى پىلانى مەسىلىسىدە ياپونىيە بىلەن خىتاي ئۇزۇن يىللاردىن بېرى كەسكىن رىقابەتلەشمەكتە. خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ بۇ يىل 9 - ئايدا رۇسىيىنى زىيارەت قىلغاندا موسكۋا دائىلىرىگە خىتاينىڭ رۇسىيە نېفىت - ئېنىرگىيە سانائىتىگە 12 مىليارد دوللار مەبلەغ سالىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە قىلغان.

ياپونىيە رۇسىيىنىڭ يىراق شەرق رايونىغا 50 مىليارد دوللار مەبلەغ سالىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرمەكتە. پرېزدېنت پۇتىن، خىتاينىڭ رۇسىيىگە مەبلەغ سېلىشىنى قارشى ئالدى، بىراق خىتاينى رۇسىيە نېفىت ئېنىرگىيە سانائىتىنىڭ سىرتىدىكى ئىقسادى ساھەلەرگە مەبلەغ سېلىشقا ئۈندىگەن. رۇسىيە پرېزدېنتى شىئەندە غەربىي - شىمال ئۆلكىلەردىكى خىتاي ئەمەلدارلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىشى مۈمكىن. ۋلادىمىر پۇتىن پەيشەنبە كۈنى خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىڭتاۋ بىلەن قوشما ئاخبارات ئىمزالاپ، ئىككى تەرەپ چېچىنىيە ۋە شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىنى خەلقئارا تېرورچىلىقنىڭ بىر قىسىمى دەپ تونۇيدىغانلىقىنى جاكارلىغان. خىتاي رۇسىيىنىڭ چېچىنىيە ھەرىكىتىنى باستۇرۇش يولىدىكى ھەر قانداق ھەركىتىنى، رۇسىيە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق كۈرىشىنى يوقۇتۇش يولىدىكى ھەر قانداق تەدبىرىنى قوللايدۇ دەپ تەكىتلىگەن. بىراق خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتاي ھۆكۈمىتى تېرورچىلىقنى بانا قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىۋاتىدۇ، دەپ ئەيىپلىمەكتە.(ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.