پۇتىننىڭ خىتاي زىيارىتى ۋە ئېنېرگىيە مەسىلىسى

رۇسىيە پرېزدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن جۈمە كۈنى خىتايدىكى زىيارىتىنى يەنە داۋاملاشتۇرۇپ، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋېن جىياباۋ ۋە خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتىتىنىڭ مۇدىرى ۋۇ باڭگو بىلەن كۆرۈشتى. شۇنداقلا خىتاي دائىرىلىرى رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ نېفىت تۇرۇبىسى سودىسىدا تېزراق بىر قارارغا كېلىشىنى تەلەپ قىلدى.

ئېنېرگىيە مەسىلىسىگە كەلگەندە، پۇتىن بۇ قېتىملىق زىيارىتىدە ئۈستۈنلۈككە ئېرىشكەن بولۇپ، نېفىت تۇرۇبىسى ئورنۇتۇش تالاش-تارتىشىدا خىتاي رۇسىيەگە ئۇتتۇرۇپ قويدى. پۇتىن پەيشەنبە كۈنى خىتاي رەئىسى خۇ جىڭتاۋ بىلەن كۆرۈشۈپ، چېگرا سىزىقىنى بېكىتىش كېلىشىمىنى تۈزۈشتىن سىرت يەنە، رۇسىيىنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا بولىشىدا خىتاينىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. گەرچە پۇتىن بۇ قېتىملىق زىيارىتىدە ئۇتۇق قازىنىپ، ئويلىغان مەقسىدىگە يەتكەن بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا رۇسىيىنىڭ سىبىرىيە نېفىتلىكىدىن داچىڭغا تۇتىشىدىغان نېفىت تۇرۇبا قۇرۇلىشىغا قارار بەرمىدى.

رۇسىيىدە چىقىدىغان داڭلىق " موسكۋا خەۋىرى" ھەپتىلىك گېزىتىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان بىر پارچە ئوبزوردا، رۇسىيە ھۆكۈمىتى ئېنېرگىيە مەنبەسىنى دەستەك قىلمىسا، خىتاي بىلەن بولغان رىقابەتتە ئۇتتۇرۇپ قويىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى. رۇسىىيە، خىتاي ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ رۇسىيە ئېنېرگىيە مەنبەسى ۋە خام ئەشياسىدىن ئايرىلالمايدىغانلىقىنى بىلىدۇ. شۇڭا رۇسىيە ئېنېرگىيە قارتىنى ئويناش ئارقىلىق خىتاي بىلەن بولغان رىقابەتتە ئۈستۈنلۈككە ئېرىشمەكچى.

رۇسىيە نېفىت تۇرۇبا سۆھبىتىدە ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتى

پۇتىننىڭ زىيارىتىنى كۈزىتىپ كەلگەن ئانالىزچىلار، پۇتىننىڭ ئېنېرگىيە تاكتىكىسىنىڭ خىتايغا قىلغان زىيارىتىدە نەتىجە كۆرسەتكەنلىكىنى، خىتاي بىلەن بولغان تۇرۇبا قۇرۇلىشىدىكى تالاش-تارتىشلاردا رۇسىيىنىڭ ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىۋالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. گەرچە خىتاي ئاخىرى رۇسىيىنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا بولىشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا رۇسىيە تەرەپتىن نېفىت تۇرۇبىسى قۇرۇش قارارىنى يەنە بىر قېتىم قولغا كەلتۈرەلمىدى.

ئانالىزچىلارنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، ئىلگىرى خىتاي ھۆكۈمىتى ئېنېرگىيە مەسىلىسىنى قەستەن رۇسىيىنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىشىگە باغلىۋېلىپ، قىيىن شەرتلەرنى قويىۋېلىش ئارقىلىق رۇسىيىنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش يولىدىكى ئاساسلىق توسالغۇغا ئايلاندۇرىۋالغان ئىدى. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە ئۇچۇر مەركىزىنىڭ رۇسىيىدە تۇرۇشلۇق ئىشخانا مۇدىرى ساۋلون ئەپەندى بۇ ھەقتە،" بىز كۆرۈپ تۇرۇپتۇق، ھازىرغىچە خىتاي بۇنىڭغا سالماق مۇئامىلە قىلدى. گەرچە خىتاي رۇسىيىدىن ئەپسۇسلانسىمۇ، ئەمما رۇسىيىنىڭ نېفىت تۇرۇبا قۇرۇلۇشىدىكى پوزىتسىيسىگە ناھايىتى سوغاققانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلدى." دېدى. ئۇ يەنە خىتاينىڭ بۇنداق قىلىشىنىڭ، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى باشقا كەڭ دائىرىدىكى ھەمكارلىق ساھەلىرىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى نەزەردە تۇتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

رۇسىيە چېگرا مەسىلىسىدىمۇ مەقسىدىگە يەتتى

پۇتىن بۇ قېتىملىق زىيارىتى داۋامىدا نېفىت تۇرۇبا قۇرۇلۇشى مەسىلىسىدىن سىرت يەنە، چېگرا مەسىلىسىدىمۇ مەقسىدىگە يەتتى. خىتاي بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا مەسىلىسى 300 يىلدىن بۇيان ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە داغ يەتكۈزىۋاتقان بىر مۇھىم مەسىلە ئىدى. شۇنداقلا رۇسىيە دۆلەت كۈچىنىڭ كۈنسايىن ئاجىزلىشىشى ۋە خىتاي ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، رۇسىيە ھۆكۈمىتى چېگرا مەسىلىسىنى ئامال بار بالدۇرراق ھەل قىلىپ، كەلگۈسىدە خىتاينىڭ تۇپراق داۋاسى قىلىشىدىن ساقلىنىشنى مەقسەد قىلىدۇ.

پۇتىن بىلەن خۇجىڭتاۋ بۇ قېتىم كېلىشىم تۈزۈپ ئىككى تەرەپ ئورتاق بەھرىمەن بولىدىغان 2 مىڭ 3 يۈز كىلومېتىرلىق چېگرا سىزىقىنى بەلگىلەپ چىقتى. رۇسىيە " ۋاقىت گېزىتى" بۇ ھەقتە ئانالىز ئېلان قىلىپ، ئەمدىلا بېيجىڭدا تۈزۈلگەن بۇ چېگرا كېلىشىمىنىڭ، رۇسىيىنىڭ كەلگۈسىدە تەھدىتكە ئۇچراش ئېھتىماللىقىنى كۆپ كىچىكلەتكەنلىكىنى بىلدۈردى. چۈنكى -20ئەسىرنىڭ ئاخىرىلىرىدىكى دۇنيا ۋەزىيىتىگە قارىغاندا، تۇپراق مەسىلىسى دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى بارغانسېرى مۇرەككەپلەشتۈرمەكتە.

رۇسىيە مۇستەقىل گېزىتىنىڭ ئانالىزىدا ، گەرچە پۇتىن بۇ قېتىملىق زىيارىتىدە مۇھىم مەسىلىلەرنى ھەل قىلغان بولسىمۇ، لېكىن رۇسىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا يەنىلا نۇرغۇن ئىختىلاپ ۋە ئوخشىماسلىقلارنىڭ مەۋجۇتلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. (پەرىدە)