پۇتىن رۇسىيىنىڭ يېڭى تىپتىكى يادرو بومبا سېستىمىسى ياساۋاتقانلىقىنى ئېيتتى

رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن چارشەنبە كۈنى رۇسىيىنىڭ نۆۋەتتە يېڭى تىپتىكى يادرو بومبا سېستىمىسىنى ياساۋاتقانلىقىنى ھەمدە بۇ خىل سېستىمىنىڭ باشقا چوڭ دۆلەتلەردىمۇ يوق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، پۇتىن بۇ سۆزلىرىنى رۇسىيە ھەربىي ئەمەلدارلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتتە قىلغان بولۇپ، ئۇ يەنە، كەلگۈسىدە رۇسىيە تەھدىتكە يولۇققاندا ئۆزىنى قوغداشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش مەقسىتىدە شۇنداق قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.

پۇتىن سۆزىدە بۇنىڭ قانداق سېستىما ئىكەنلىكىنى تەپسىلىي تونۇشتۇرمىسىمۇ، لېكىن رۇسىيىنىڭ ھازىر بۇ خىلدىكى يېڭى يادرو بومبا سېستىمىسىنى تەتقىق قىلىپلا قالماي، ھەتتا ئۇنى غەلىبىلىك ھالدا سىناق قىلىپمۇ كۆرگەنلىكىنى، شۇنداقلا بۇ سېستىمىنى كەلگۈسىدىكى بىر نەچچە يىل ئىچىدە ئىشلىتىشكە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ھەقىقەتەن نۇرغۇن كۈزەتكۈچىلەر، رۇسىيىنىڭ 10 دانە يادرو ئوق بېشىنى كۆتىرەلەيدىغان بىر خىل يېڭى يادرو بومبا سېستىمىسى ئۈستىدە تەتقىق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىغا ئىشىنىدىكەن. (پەرىدە)