پۇتىن يىللىق دۆلەت ئەھۋالى دوكلاتىدا نوپۇسنىڭ ئازىيىش ئەھۋالى ھەققىدە توختالدى


2006.05.10

رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن چارشەنبە كۈنى بىر يىللىق دۆلەت ئەھۋالى دوكلاتىنى بېرىپ، تاشقى ئىشلار سىياسىتى ۋە ئىقتىسادىي مەسىلىلەردىن باشقا يەنە، رۇسىيە نوپۇسىنىڭ ئازىيىش مەسىلىسى ھەققىدە ئالاھىدە توختالدى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پۇتىن دوكلاتىدا 10 يىللىق بىر پىلاننى جاكارلاپ، رۇسىيە ئاياللىرىنى كۆپ بالىلىق بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، بىردىن ئارتۇق بالىلىق بولغان ئاياللارغا بېرىدىغان تەمىنات ياردەم سوممىسىنى تېخىمۇ ياخشىلاپ بېرىشكە ۋەدە بەرگەن.

پۇتىننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىر رۇسىيىدە بوۋاقلارنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتى جىددىي تۆۋەنلەش بىلەن بىرگە بوۋاقلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى ئېشىپ ماڭغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە رۇسىيىدىن باشقا دۆلەتلەرگە كۆچۈپ كېتىدىغان ئەھۋالمۇ بىر قەدەر ئېغىر ئىكەن. شۇ سەۋەبتىن ھازىر رۇسىيىدە يىلىغا 700 مىڭ نوپۇس ئازىيىپ ماڭغان.

پۇتىن سۆزىدە، نوپۇس ئازىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئائىلىلەرنى بولمىدى دېگەندە ئىككى بالىلىق بولۇشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە، رۇسىيە جەمئىيىتىدە چىرىكلىك ۋە كىشىلەرنىڭ چوڭ كارخانىلار ۋە پارلامېنتقا ئىشەنمەسلىك ئەھۋالىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ، رۇسيىدىكى سودىگەر ۋە سىياسونلارنى جەمئىيەت مەسئۇلىيىتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشقا چاقىردى. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.