ئامېرىكا ئالىمى رۇسىيىنىڭ مۇسۇلمان دۆلىتىگە ئايلىنىشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى

ئۇزۇن يىللار سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مىللەتلەر مەسىلىسىنى تەتقىق قىلغان ئالىم پاۋۇل گوبلە ئەپەندى رۇسيىنىنىڭ ھازىرقى نوپۇس ئەھۋالى، رۇسلارنىڭ نوپۇس جەھەتتە ئازىيىشقا قاراپ يۈزلىنىۋاتقانلىقىنى نەزەرگە ئېلىپ، 2030-يىلىغا بارغاندا، رۇسىيىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ سان جەھەتتە رۇسلاردىن ئېشىپ كېتىشى ۋە مۇسۇلمان دۆلىتى بولۇپ قېلىشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان پروفېسسور گوبلەنىڭ پىكىرلىرىگە تايانغاندا، ھازىر رۇسىيە ئاھالىسى 150 مىليوندىن ئارتۇق بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 30 مىليونى مۇسۇلمانلاردۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ھەر يىلى مەركىزىي ئاسىيا، كاۋكازىيىدىن مىڭلاپ مۇسۇلمانلار رۇسىيىگە كەلدى ھەم كەلمەكتە، ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇسۇلمانلارنىڭ ئائىلىسى كۆپ بالىلىق بولۇپ، بۇمۇ نوپۇسنىڭ تېز ئېشىشىدىكى بىر ئامىلدۇر. مۇسۇلمانلارنىڭ سانىنىڭ ئاشقانلىقىنىڭ ئىسپاتلىرىدىن بىرى 1991-يىلى رۇسىيىدە 300 مەسچىت بار بولغان بولسا، ھازىر 8 مىڭغا يەتكەن، 1989-يىلىدىن بەرى مۇسۇلمانلارنىڭ كۆپىيىش نىسبىتى 40-50% بولغان.

پروفېسسور پاۋۇلنىڭ قارىشىچە، بۇنىڭ ئەكسىچە رۇسلارنىڭ كۆپىيىش نىسبىتى تۆۋەن بولۇپ، ئۇلار كۆپ پەرزەنتلىك بولۇشنى خالىمايدۇ. ھەر يىلى 2 مىليوندىن 5 مىليونغىچە ئايال بالا ئالدۇرۇش ئوپېراتسىيىسى قىلدۇرىدۇ.

ھەقىقەتەن رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىدا رۇسلارنىڭ سانىنىڭ تېز سۈرەتتە ئازلاپ كېتىۋاتقانلىقى، بۇنىڭ ئۈچۈن باشقا سابىق سوۋېت جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى رۇسلارنى رۇسىيىگە كۆچۈرۈپ كېلىش پىلانى تۈزۈلگەنلىكى، رۇسىيە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭمۇ رۇسلارنىڭ نوپۇس جەھەتتە ئازلاپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش چارىسى قوللىنىشنى تەلەپ قىلغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بېرىلگەن ئىدى.

دوكتور پاۋۇلنىڭ قارىشىچە، رۇسىيە ھۆكۈمىتى كەلگۈسىدە مۇسۇلمانلارنىڭ نوپۇس جەھەتتە رۇسلاردىن ئۈستۈن ھالغا كېلىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تۈرلۈك چارىلەرنى قوللانماقتا. (ئۈمىدۋار)