رۇسىيىدە مىللەتچىلەر خىتاي كۆچمەنلىرىنى قوغلاش ئۈچۈن كۆچمەنلەر ئىدارىسىنى ئىگىلىۋالغان

رۇسىيە ۋە ئوكرائىنا خەۋەرلىرىدە بايان قىلىنىشىچە، 12 ‏- فېۋرال كۈنى، رۇسىيىنىڭ سىبىرىيىدىكى ئېركىسىك شەھىرىدە، رۇس مىللەتچىلىكى كۈچلۈك بولغان بىر قىسىم كىشىلەر خىتاي كۆچمەنلىرىگە رەسمىيەت ئۆتەپ بېرىشكە قارشى نامايىش ئۆتكۈزگەن. ئۇلار نامايىش قىلغاندا "خىتاي كۆچمەنلىرى توسۇلسۇن"، "رۇسىيىدە خىتاي مەھەللىسى يوق" دەپ شۇئار توۋلىغان. گەرچە ساقچىلار نامايىشچىلارنى قاتتىق توسىغان بولسىمۇ، ئەمما نامايىشچىلار ھامان ئېركۇسىك شەھىرىدىكى كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ بىناسىنى ئىگىلىۋالغان. ئۇلار "بىز مۇشۇ بىنادا تۇرۇپ، خىتاي كۆچمەنلىرىگە رەسمىيەت ئۆتىگۈزمەيمىز" دېگەن.

ئېركۇسىك شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ بايان قىلىشىچە، سىبىرىيە رۇسىيىنىڭ شەرقىدىكى نوپۇس شالاڭ ئەمما تەبىئىي بايلىق ناھايىتى مول رايون. 1989 ‏- يىلى بۇ شەھەردىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ سانى بىر نەچچە مىڭدىن ئاشمايتتى، ئەمما ھازىر 3 مىليون 260 مىڭدىن ئاشقان. (ۋەلى)