رۇسىيىدە يەكشەنبە كۈنى يەرلىك سايلام ئۆتكۈزۈلدى
2007.03.11
رۇسىيىنىڭ news.ru ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، يەكشەنبە كۈنى رۇسيىنىڭ سانكىتپېتېربۇرگ قاتارلىق ھەر قايسى جايلىرىدا يەرلىك شەھەر باشلىقلىرى سايلىمى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، تەخمىنەن 80 نەچچە نەپەر شەھەر باشلىقى سايلاپ چىقىلغان.
سايلام كۆزەتكۈچىلىرى مەزكۇر سايلام پائالىيىتىدە پرېزىدېنت پۇتىننىڭ " رۇسىيە ئىتتىپاقلىق پارتىيىسى" بىلەن "رۇسىيە ئادالەت پارتىيىسى"نىڭ ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ، ئۆز ئورۇنلىرىنى مۇستەھكەملىگەنلىكىنى كۆرسىتىشتى.لېكىن، كۆزەتكۈچىلەر بۇ قېتىمقى سايلام جەريانىدا كۆپلىگەن جايلاردا سايلام قائىدىسىگە خىلاپ قىلمىشلارنىڭ سادىر بولغانلىقى مەسىلەن ئۆكتىچى نامزاتلارنىڭ مەيدانغا چىقىشىنىڭ چەكلىمىلەرگە ئۇچرىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
رۇسىيە ئانالىزچىلىرى بۇ قېتىمقى يەرلىك سايلامنىڭ ئەمەلىيەتتە بۇ يىل 12-ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان پارلامېنت سايلىمى ۋە كېلەر يىلى يەنى 2008-يىلدىكى پرېزىدېنت سايلىمى ئۈچۈن سىناق ۋە ئالدىن تەييارلىق قىلىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە،
رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ئىككى قېتىم پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسى ئاقتۇرغان بولۇپ، 2008-يىلى ئۇنىڭ ۋاقتى توشىدۇ، لېكىن بىر قىسىم ئۇنىڭ تەرەپدارلىرى ئۇنىڭ يەنە 3-قەتىم پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسى ئۆتۈشىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، مەسىلەن چېچىنىيە پرېزىدېنتى رامىزان قادىروپ ئەنە شۇلارنىڭ بىرىدۇر. بىراق، رۇسىيە ئاساسىي قانۇنى پۇتىنىڭ ئۈچىنچى قېتىملىق ۋەزىپە ئۆتۇشىگە يول قويمايدىكەن، ئەمما، ئۆكتىچىلەر پۇتىننى ۋەزىپىدىن قالسىمۇ، لېكىن ھاكىمىيەتنىڭ ئۆز تەرەپدارلىرىنىڭ قولىدا بولۇشى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماقتا دەپ تەنقىد قىلماقتا.
رۇسىيە ئۆكتىچىلىرى ۋە غەرب كۆزەتكۈچىلىرى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ بارغانسىرى دېموكراتىيىدىن چېكىنىۋاتقانلىقى، ھەر قايسى جۇمھۇرىيەتلەر ۋە ئۆلكىلەرنىڭ يەرلىك ھوقۇقلىرىنى ئۆز قولىغا مەركەزلەشتۈرىۋاتقانلىقى بىلەن تەنقىد قىلىشماقتا. (ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- رۇسىيە بىلەن ياپونىيە يادرو ئېنېرگىيىسى ھەمكارلىقى ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكەزمەكتە
- موسكۋادا ئۆكتىچىلەرنىڭ نامايىشى يۈز بەردى
- رۇسىيە مۇخبىرلار ئۈچۈن ئەڭ خەتەرلىك دۆلەتنىڭ بىرىگە ئايلاندى
- پۇتىن يىللىق دۆلەت ئەھۋالى دوكلاتىدا نوپۇسنىڭ ئازىيىش ئەھۋالى ھەققىدە توختالدى
- رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن كېلەر ئايدا خىتاينى زىيارەت قىلىدۇ