رۇسىيە ئۆكتىچىلىرىنىڭ نارازىلىق نامايىشلىرى ئەۋىج ئالدى


2007.04.15

شەنبە كۈنى موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن رۇسىيە ئۆكتىچىلىرىنىڭ پرېزىدېنت ۋلادىمىر پۇتىندىن دېموكراتىيىلىك ھوقۇقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى تەلەپ قىلغان نارازىلىق نامايىشلىرى جەريانىدا توقۇنۇش كېلىپ چىقىپ، 170 نەپەر ئادەم ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن، يەكشەنبە كۈنى رۇسىيىنىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى سانك پېتىربۇرگ شەھىرىدە يەنە نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى.

رۇسىيىنىڭ "نېۋسرۇ" تورىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، سانك پېتېربۇرگدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشمۇ ساقچىلار بىلەن توقۇنۇش يۈز بېرىش تۈسى ئالغان. سانك پېتېربۇرگ شەھەر مەركىزىدىكى پىيونېرلار مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا تەخمىنەن بىر يېرىم مىڭ ئادەم قاتناشقان. ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلار ئارىسىدىكى توقۇنۇشتا 120 نەپەر نامايىشچىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر تارقالغان.

شەنبە كۈنى موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا رۇسىيىنىڭ ئاتاقلىق شاخماتچىسى، "پۇقرالار بىرلەشمىسى" دەپ ئاتالغان ئۆكتىچى پارتىيىنىڭ رەھبىرى گارري كاسپاروپمۇ قولغا ئېلىنىپ، ئىككى سائەتتىن كېيىن جەرىمانە تۆلەش شەرتى بىلەن قويۇپ بېرىلگەن ئىدى. ئىنكاسلارغا ئاساسلانغاندا، پۇتىن ھوقۇقنى قولغا ئالغاندىن كېيىن ئۆكتىچىلەرگە ۋە دېموكراتىك تەلەپلەرگە بولغان بېسىمنى كۈچەيتىۋېتىش بىلەن تەنقىدكە ئۇچرىغان. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.