رۇسىيە پرېزىدېنتى پوتىن ئوتتۇرا ئاسىيادا زىيارەتتە بولىدۇ
2007.05.08
رۇسىيە ھۆكۈمەت ئەربابلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رۇسىيە پرېزىدېنتى پوتىن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئېنېرگىيە بايلىقلىرىنى ئېچىش ۋە توشۇش جەھەتتىكى رۇسىيىنىڭ رولىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن بۇ ھەپتە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە يەتتە كۈنلۈك زىيارەتتە بولىدىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، پوتىن چارشەنبە كۈنى قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانىدە زىيارەتتە بولغاندىن كېيىن، پەيشەنبە كۈنى تۈركمەنىستانغا بېرىپ تۈركمەن پرېزىدېنتى قۇربانگۈل بەردىمۇھەممەدوف ۋە قازاق پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نەزەربايىف بىلەن كۆرۈشۈپ سۆھبەت ئۆتكۈزىدىكەن.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ 8- ماي بەرگەن خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشچە، پۇتىننىڭ بۇ نۆۋەتلىك ئوتتۇرا ئاسىيا زىيارىتى، خىتاي، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئېنېرگىيە بايلىقلىرىغا ئېرىشىش ۋە رۇسىيىدىن ئۆتىدىغان توشۇش لىنىيىسى بەرپا قىلىش پىلانى ئوتتۇرىغا چىققاندىن كىيىن مەيدانغا كەلگەن.
رۇسىيە دۇنيادىكى ئەڭ زور تەبىي گاز زاپىسى بار دۆلەت بولسىمۇ، لېكىن رۇسلار تەبىئىي گاز قۇرۇلۇشىغا سالىدىغان مەبلەغنى ئوتتۇرا ئاسىيادىن كىرگۈزۈلىدىغان ئەرزان گاز ئىمپورتى ئارقىلىق تولدۇرىدۇ.
رۇسىيىنىڭ مۇئاۋىن ئېنېرگىيە مىنىستىرى ئاندرېي رېئۇس: " ئوتتۇرا ئاسىيا بىزنىڭ ئېنېرگىيە سىياسىتىمىزدىكى بەك مۇھىم تەرەپ. ئىشىنىمىزكى، قازاقىستان ۋە تۈركمەنىستان بۇنىڭدا ھالقىلىق رول ئوينايدۇ " دېدى.
ھازىر رۇسىيە تۈركمەنىستاندىن باشلىنىپ قازاقىستاندىن ئوتىدىغان تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيىسى ياساش پىلانىغا بەكرەك قىزىقىۋاتقان ئىكەن. (جۈمە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- "ئامېرىكىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا - قالقان سىستېمىسى رۇسىيىنىڭ مەنپەئەتىگە پايدىلىق"
- رۇسىيە جامائەتچىلىكىنىڭ بورىس يېلتسىنگە بەرگەن باھالىرى
- سابىق رۇسىيە پرېزىدېنتى بورىس يېلتسىن ۋە دېموكراتىيە
- رۇسىيىنىڭ سابىق پرېزىدېنتى بورىس يېلتسىن ۋاپات بولدى
- رۇسىيە ئۆكتىچىلىرىنىڭ نارازىلىق نامايىشلىرى ئەۋىج ئالدى
- رۇسىيە ساقچىلىرى موسكۋادا نامايىشچىلارنى تۇتقۇن قىلدى
- رۇسىيە چەتئەللىكلەرنىڭ سودىسىغا چەك قويدى
- موسكۋادا كەڭ كۆلەملىك يىغىلىش ئۆتكۈزۈلدى