رۇسىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى يىغىنىدا ئىنسان ھوقۇقى مەسىلىسى مۇھىم تېما بولدى


2007.05.20

جۈمە كۈنى رۇسىيىنىڭ سامارا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن رۇسىيىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىدا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان سودا-ئىقتىساد، ئېنېرگىيە، بىخەتەرلىك قاتارلىق ھەر ساھەدىكى ھەمكارلىق مەسىلىلىرى كەڭ دائىرىدە مۇزاكىرە قىلىندى.

مەزكۇر يىغىنغا، رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن، گېرمانىيە رەھبىرى مېركېل ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ باشقا بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى ئىشتىراك قىلغان. رۇسىيە ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ تارقاتقان ئۇچۇرلىرىغا ئاساسلانغاندا، بۇ قېتىمقى يىغىندا رۇسىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى كۆپلىگەن مەسىلىلەر بويىچە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلالمىغان بولۇپ، بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رۇسىيىدىكى ئىنسان ھوقۇقلىرىنىڭ ئېغىر دەپسەندە بولۇۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلغانلىقى ئىكەن.

يىغىن جەريانىدا ئۆكتىچىلەرنىڭ ساماراغا توپلىنىپ، پۇتىنغا قارشى نامايىش قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىنغان بولۇپ، گېرمانىيە رەھبىرى مېركېل خانىم پۇتىننىڭ ئۆكتىچىلەرنىڭ پائالىيىتىنى توسقانلىقىنى تەنقىد قىلغان. پۇتىن مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە غەرب دۆلەتلىرىدىمۇ ئىنسان ھوقۇقى مەسىلىسى بارلىقىنى تەكىتلىگەن. پۇتىن يەنە جاۋابەن ئېستونىيە، لاتۋىيە قاتارلىق بالتىق دۆلەتلىرىنىڭ شۇ يەردىكى ئاز سانلىق مىللەت- رۇسلارنىڭ مەنپەئەتلىرىگە بۇزغۇنچىلىق سېلىۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلغان شۇنىڭدەك كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىقى مەسىلىسىدە يەنىلا ياۋروپا ئىتتىپاقىغا قارشى مەيدانىنى ئىپادە قىلغان.

يېقىندا ئېستونىيە ھۆكۈمىتى ۋەتەن ئۇرۇشى خاتىرىسى ھېسابلىنىدىغان سوۋېت جەڭچىسىنىڭ ھەيكىلىنى ئېلىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن ئېستونىيە بىلەن رۇسىيە ئارىسىدا چوڭ ئىختىلاپ كېلىپ چىقىپ، بۇ مەسىلە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ قالغان ئىدى.(ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.