رۇسىيە فېدېرال بىخەتەرلىك ئىدارىسى 1920-يىللىرىدىن 1950-يىللىرىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىنىڭ سوۋېت تېررىتورىيىسىدە ئېلىپ بارغان تازىلاش ھەرىكەتلىرى ھەمدە ۋەتەن ئۇرۇشىغا مۇناسىۋەتلىك مەخپىي ئارخىپلىرىنى ئاممىغا ئاچقانلىقىنى، خالىغان كىشىنىڭ بۇ ئارخىپلارنى كۆرۈشى مۇمكىنلىكىنى ئېلان قىلغان.
رۇسىيىنىڭ "نېۋسرۇ" ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، فېدېرال ئارخىپ فوندىنىڭ باشلىقى ۋاسىلى خرىستوفوروپ "ئەگەر كىمنىڭ ھاجىتى چۈشسە، ئارخىپلارغا مۇراجەت قىلسا بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن قانداق ماتېرىيال كېرەكلىكى ھەمدە قانداق مەقسەتتە ئۇنى كۆرمەكچى ئىكەنلىكى ھەققىدە خەت يازسىلا بولدى" دەيدۇ. ئۇ، ئارخىپخانا خادىملىرىنىڭ ئارخىپ تەلەپ قىلغۇچىلارغا كېرەك بولغان ، مەخپىيەتلىكى بىكار قىلىنغان ئارخىپ ماتېرىياللىرىنى تېپىپ بېرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. بىراق، مۇناسىۋەتلىك شەخسلەرنىڭ خۇسۇسىي تەرەپلىرىگە ئائىت ماتېرىياللار شۇ شەخسلەرنىڭ ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىنىڭ رۇخسىتى ئارقىلىقلا باشقىلارغا ئېچىلىدىكەن.
رۇسىيە فېدېرال ئارخىپ فوندىنىڭ باشلىقىنىڭ سۆزلىرىگە قارىغاندا، 1992-يىلى رۇسىيە پرېزىدېنتىنىڭ ئارخىپلارنى ئاشكارىلاش ھەققىدىكى بۇيرۇقى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، بىر قىسىم ئارخىپلارنىڭ مەخپىيىتى قەدەم-قەدەم بىكار قىلىنغان. دېمەك بۇ قېتىم ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 20-يىلىدىن 50-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ستالىننىڭ تەقىپلەش ھەرىكەتلىرىگە ئائىت ئارخىپلارنىڭ مەخپىيىتى بىكار قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن ئەينى ۋاقىتتا سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى تەشۋىقات ۋە ئاغدۇرمىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارغا قارشى ھەرىكەت ئېلىپ بارغان بىخەتەرلىك ئورگان خادىملىرى يەنى جاسۇسلارنىڭ خۇسۇسىي ئارخىپى يەنىلا مەخپىي قېلىۋېرىدىكەن، بىخەتەرلىك ئورگانلىرى ۋە بۇ ئورگانلارغا تەۋە ئاگېنتلارنىڭ سوۋېتكە قارشى پائالىيەتلەرنى يوقىتىش ھەرىكەتلىرىگە ئائىت ئارخىپلار يوق قىلىۋېتىلگەن بولۇپ، ئۇ ئەبەدىي دۆلەت مەخپىيىتى بولۇپ ساقلىنىدىكەن.
ئۇيغۇر تارىخىنى تەتقىق قىلىۋاتقان بىر رۇس ئالىمىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدىن 50-يىللىرىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتى، سوۋېت بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى تېررىتورىيىسى ۋە قوشنا ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇر مىللەتپەرۋەرلىرىگە قارىتا ئېلىپ بارغان جازالاش ھەرىكەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئارخىپلارمۇ ناھايىتى كۆپ بولۇپ، بۇلارنىڭ بىر قىسىملىرى ئاشكارىلانغان بولسىمۇ، لېكىن مۇتلەق كۆپ، نازۇك ئارخىپلار يەنىلا مەخپىي ساقلانماقتا ئىكەن. (ئۈمىدۋار)