رۇسىيە مۇخبىرلار ئۈچۈن ئەڭ خەتەرلىك دۆلەتنىڭ بىرىگە ئايلاندى
2006.09.27
رۇسىيە 15يىلدىن بۇيان خىتاي بىلەن بىر قاتاردا دۇنيادىكى مۇخبىرلارنى ئەڭ كۆپ تۈرمىگە ئالغان دۆلەتلەر قاتارىدا سانىلىپ كەلگەن ئىدى. نۆۋەتتە ئۇ ئاخباراتچىلار ئۈچۈن ئەڭ خەتەرلىك دۆلەتنىڭ بىرىگە ئايلانغان.
خەلقارا مۇخبىرلارنى قوغداش تەشكىلاتىنىڭ خەلقئاراغا ئاشكارىلىشىچە، نۆۋەتتە ئاخباراتچىلارنىڭ رۇسىيىدە خىزمەت قىلىش ۋەزىيىتى بارغانچە كەسكىنلىشىۋاتقان بولۇپ، رۇسىيىدە 15 يىلدىن بۇيان جەمئىي 42 مۇخبىر ھاياتىدىن ئايرىلغان. رۇسىيە ھازىر مۇخبىرلار ئەڭ كۆپ ئۆلگەن دۆلەتلەر ئېراق ھەمدە ئالجىرىيىدىن قالسا ئۈچىنچى ئورۇنغا ئۆتكەن.
بۇ 15 يىل جەريانىدا پۈتۈن دۇنيادا جەمئىي 580 نەپەر مۇخبىر خىزمەت جەريانىدا ياكى دۆلەتلەردىكى ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىنى تەنقىدلىگەنلىكى ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلگەن.
2000 - يىلىدىن بۇيانلا رۇسىيىدە 12 قېتىم مۇخبىرلارنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. گەرچە رۇسىيە ساقچىلىرى مۇخبىرغا زىيانكەشلىك قىلغۇچىنى تۇتقان بولسىمۇ، ئۇ گۇمانلىق، مەخپىي ھالدا قويۇپ بېرىلگەن. ھەمدە رۇسىيە دائىرىلىرى مۇخبىرلارنىڭ قەستكە ئۇچراش ۋەقەلىرىنىڭ جەريانى ۋە نەتىجىسىنى مەخپىي تۇتۇپ قاتتىق ئېھتىياتچانلىق ئىشلەتكەن.
رۇسىيە مۇخبىرلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ياكىۋېنىسكى "ئاخبارات مۇخبىرلىرىنىڭ خىزمەت مۇھىتى رۇسىيىدە يىلدىن - يىلغا ناچارلاشماقتا، يېقىنقى بەش يىل جەريانىدىلا رۇسىيە ئاخبارات ئەركىنلىكى يوق دۆلەتلەر قاتارىغا ئۆتتى، رۇسىيىدە ھازىر ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتمىگەن بىرمۇ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى يوق، رۇسىيە سۆز ئەركىنلىكى پۈتۈنلەي بوغۇلغان دۆلەت، شۇڭا كەلگۈسىنىڭ قانداق بولۇشى ھەققىدە مۇلاھىزە قىلىشمۇ مۇمكىن ئەمەس" دەپ بىلدۈرگەن.
خىتايمۇ يىللاردىن بۇيان ئاخبارات ئەركىنلىكى تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن، مۇخبىرلارنى ئەڭ كۆپ تۈرمىگە سولىغان دۆلەت ھەمدە ئاخبارات ئەركىنلىكى بوغۇلغان دۆلەت دەپ تەنقىدلىنىپ كەلمەكتە. (گۈلچېھرە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- پۇتىن يىللىق دۆلەت ئەھۋالى دوكلاتىدا نوپۇسنىڭ ئازىيىش ئەھۋالى ھەققىدە توختالدى
- رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن كېلەر ئايدا خىتاينى زىيارەت قىلىدۇ
- دۇنيا مەتبۇئاتچىلار جەمئىيىتى خىتاي دائىرىلىرىنى ئەيىبلىدى
- مۇخبىرلارنى قوغداش تەشكىلاتى خىتاينى ئەيىبلىدى
- ئۇكرائىنىيە بىلەن رۇسىيە گاز مەسىلىسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلدى