رۇسىيە موسكۋانىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرماقچى

دۈشەنبە كۈنى، رۇسىيە ھاۋا ئارمىيە باياناتچىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رۇسىيە غەلىبە S-400 تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنى موسكۋا ئەتراپىغا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق،موسكۋانىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرماقچى ئىكەن.

رۇسىيە ئىنتېرفاكس ئاگېنتلىقىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، رۇسىيە ھاۋا ئارمىيە باياناتچىسى ئالېكساندىر دروبيشېسكي: " مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرى بىر دىۋىزىيە ۋە بىر قوماندانلىق شتابى ئۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئۆتەشكە ئورۇنلاشتۈرىلىدۇ" دېگەن.

رۇسىيە ياۋروپا قورال- ياراق چەكلەش كېلىشىمىدىن يېنىۋېلىشتىن بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى، ئۆتكەن پەيشەنبە ۋە جۈمە كۈنلىرى ، رۇسىيە S-400 تىپلىق باشقۇرۇلدىغان بومبىسىنى غەلىبىلىك سىناق قىلغان ئىدى.

بۇ بومبىلار 2001-يىلى ئىشقا كىرىشتۈرۈلمەكچى بولغان بولۇپ، مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى كېچىكتۈرۈلگەن. مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر بومبا، ئورتا مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى ۋە 400 كىلو مېتىر يىراقلىقتىكى ئايرۇپىلانلارنى ئېتىپ چۈشۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، ئامېرىكا لايىھىلىگەن ۋەتەنپەرۋەر تىپلىق باشقۇرۇلدىغان بومبىلارنىڭ ئېتىش مۇساپىسىدىن ئىككى ھەسسە يۇقىرى ئىكەن.

رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالقان سىستېمىسى ئۈستىدە دەتالاش قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، موسكۋا ۋاشىنگتوننى ئەيىبلەپ، ئامېرىكىنىڭ مەركىزى ياۋروپاغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالقان سىستېمىسى يۆتكەپ كېلىشى "يېڭى قورال-ياراق مۇسابىقىسى" نى مەيدانغا چىقىرىدۇ، دېگەن.

شەنبە كۈنى كرېمل سارىيى رۇسىيە 1990 ‏- يىلى ئىمزا قويغان "ياۋروپاغا ئەسكەر يۆتكىمەسلىك" شەرتنامىسىدىن يېنىۋالىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. (جۈمە)