رۇسىيىدە ئەسكەرلەرنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشى ئۆتكەن يىلى ئەڭ ئېغىر بولدى
-
2008-01-27 -
-
-
رۇسىيىنىڭ ھەربىي تۈزۈلمىسى سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن كۆپ ئۆزگەرگەن بولۇپ، بۇرۇنقى قاتتىق ئىنتىزام ۋە كوممۇنىستىك ئىدىئولوگىيە رامكىسى ئاستىدىكى تۈزۈم ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن بۇيان رۇسىيە ئارمىيىسىدە كونا ئەسكەرلەرنىڭ يېڭى ئەسكەرلەرنى بوزەك قىلىشى ۋە خارلىشى نەتىجىسىدە ئەسكەرلەرنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ئەھۋالى ئېغىرلاشقان.
رۇسىيىنىڭ "نەۋسرۇ" تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىكى ئۆتكەن بىر يىلدا 224 نەپەر رۇسىيە ھەربىي خادىمىنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۆتكەن يىلى رۇسىيىنىڭ سىبىرىيە رايونىدىكى بىر تانكا قىسىمىنىڭ يېڭى جەڭچىسىنىڭ كونا ئەسكەرلەر تەرىپىدىن ئۇرۇپ، ھاقارەت قىلىشقا ئۇچراپ، ئىككى پۇتىدىن ئايرىلغانلىقى پۈتۈن رۇسىيىدە زور-زور غۇلغۇلىلارنى قوزغىغان ئىدى. رۇسىيە جامائىتى مۇداپىئە مىنىستىرلىكىدىن بۇنداق كونا ئەسكەرلەرنىڭ يېڭى ئەسكەرلەرنى خارلاش ئەھۋالىنى دەرھال ئېنىقلاپ، جىنايەتچىلەرنى جازالاشنى شۇنىڭدەك مۇداپىئە مىنىستىرىنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى. رۇسىيە ئىنسان ھوقۇقى تەشكىلاتلىرىمۇ رۇسىيە قوشۇنلىرىدىكى ئىنتىزامسىزلىق شۇنىڭدەك ئەسكەرلەرنىڭ تەمىنات،ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى تەنقىد قىلغان.
رۇسىيە نۆۋەتتە، ھەربىي سىستېمىسىنى ئىسلاھ قىلىشقا، ئادەم سانىنى قىسقارتىپ توختاملىق ئەسكەر تۈزۈمىنى قوللىنىشقا ھەرىكەت قىلماقتا. (ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- پۇتىن رۇسىيىدىكى ئەڭ باي ئادەممۇ؟
- مۇتەخەسسىسلەر ":پوتىن مەيلى قانداقلا ھوقۇق تۇتمىسۇن روسسىيە ھاكىمىيىتىگە زور تەسىر كۆرسىتىدۇ"
- تەبىئي گاز سودىسى رۇسىيە بىلەن بېلارۇسىيىنىڭ بىرلىشىش مەسىلىسى بىلەن باغلانغان
- ھىندىستان، خىتاي ۋە رۇسىيە ئىقتىسادىي ھەمكارلىق يىغىنى
- پۇتىن ئۆزىنىڭ پارلامېنت ئەزالىق سالاھىتىدىن ۋاز كەچتى
- ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئە كۆرۈش سىستېمىسى مەسىلىسىدە سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ
- رۇسىيىدە پارلامېنت سايلىمى باشلاندى، پۇتىن بېلەت تاشلىدى
- رۇسىيىدە پرېزىدېنت سايلاش پائالىيىتى رەسمىي باشلاندى
- رۇسىيە ئۆكتىچىلەر نامايىشى بېسىقتۇرۇلۇپ ئۆكتىچى رەھبەرلەر قولغا ئېلىندى
- رۇسىيە قىسىملىرى ئەگەر ناتوغا ئەزا دۆلەتلەردىن چىقىپ كەتمىسە، ناتو ئەمدى بۇرۇنقى كېلىشىمنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ