رۇسىيە بىلەن ھىندىستان ترانسپورت ئايروپىلانى ئىشلەپچىقىرىش كېلىشىمى ئىمزالىدى

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىلىشىچە، رۇسىيە بىلەن ھىندىستان ھەمكارلىشىپ ترانسپورت ئايروپىلانى ئىشلەپچىقىرىش جەھەتتە كېلىشىم ھاسىل قىلغان بولۇپ، مەزكۇر كېلىشىمگە دۈشەنبە كۈنى رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ۋە ھىندىستان باش مىنىستىرى مانماخان سىنگھلار ئىمزا قويغان.

ئەمما، مەزكۇر كېلىشىمدە بۇ ئىككى دۆلەت ئارىسىدا مۇھىم شەرتلەرنىڭ بىرى بولۇپ كېلىۋاتقان رېئاكتىپ كۈرەشچى ئايروپىلانلارنى ھەمكارلىشىپ ياساش ماددىسى بار ياكى يوقلۇقى تېخىچە مەلۇم ئەمەس.

بۇ ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ھەربىي ئالاقە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خېلى چوڭقۇرلاشماقتا ، ھىندىستان رۇسىيىدىن ھەربىي ئۈسكۈنىلەرنى كۆپلەپ ئىمپورت قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ جەھەتتە خىتاي بىلەن تەڭ ئورۇنغا ئۆتكەن.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ ئېيتقانلىرىدىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، پۇتىن: " سۆھبەت باشتىن ‏- ئاياق ھەقىقىي تىجارەت تۈسىدە ئېلىپ بېرىلدى" دېگەن ۋە ھىندىستان باش مىنىستىرىنىڭ بۇ قېتىملىق رۇسىيە زىيارىتىنىڭ ئۇلار ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، ھەرقايسى مۇھىم تەرەپلەردە ئۇزۇن مەزگىللىك ھەمكارلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ھىندىستان باش مىنىستىرىمۇ، ھىندىستاننىڭ ئۆزىنىڭ يادرو ئېنېرگىيىسى سانائىتىدە رۇسىيە بىلەن تېخىمۇ چوڭقۇر ھەمكارلىق ئورنىتىشنى خالايدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

ھازىر رۇسىيە ھىندىستاننىڭ تامىل نادۇ شتاتى كۇدانككۇلام رايونىدا بىر يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇۋاتقان بولۇپ، پۇتىن يەنە، بۇ ئىككى دۆلەت ئارىسىدا، ئېنېرگىيە مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ كېڭەيتىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. (جۈمە)