رۇسىيىدە ئىرقىچىلىقنىڭ كۈچىيىشى ئېغىرلاشماقتا


2008.02.03

يېقىندا تاجىكىستاننىڭ رۇسىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى 2007-يىلى 356 نەپەر تاجىكىستانلىقنىڭ جەسىدىنىڭ رۇسىيىدىن ۋەتىنىگە ئېلىپ كېلىنگەنلىكىنى، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ رۇس مىللەتچىلىرىنىڭ ھۇجۇملىرى ۋە كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

تاجىكىستان ئىنسان ھوقۇقى تەشكىلاتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رۇسىيىدە تاجىكلارنىڭ جىنايى گۇرۇپپىلار تەرىپىدىن زەربىگە ئۇچرىشى ئەڭ ئېغىر بولۇپ، دائىم دېگۈدەك تاجىكلار ئۆز تۇغقانلىرىنىڭ جەسەتلىرىنى رۇسىيىدىن ئېلىپ كېلىشىدۇ. نۆۋەتتە، تاجىك، ئۆزبېك، قىرغىز قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيالىق ئىشلەمچىلەر " تاقىرباشلار" دەپ ئاتالغان رۇس مىللەتچى ياشلىرىنىڭ ھۇجۇم نىشانىغا ئايلانغان.

ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا رۇسىيىنىڭ ئومسك ئوبلاستىدىكى بىر قۇرۇلۇش ئورنىدا ئىشلەۋاتقان بىر توپ ئۆزبېك ئىشچىلىرى ئىككى نەپەر رۇس ياشنىڭ زوراۋانلىقىغا ئۇچرىغان بولۇپ، ئۇلار ئۆزبېكلەردىن پۇل تەلەپ قىلىپ بېسىم ئىشلەتكەن. نەتىجىدە، جېدەل چىقىپ، بۇ ئىككى رۇس توقۇنۇشتا ئۆلگەندىن كېيىن، مەزكۇر جايدىكى سوت مەھكىمىسى ئۆزبېك ئىشچىلىرىنى ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بىلەن جازالىغان. تاجىك، ئۆزبېك، قىرغىز قاتارلىق كۆچمەنلەر ئۆزلىرىنىڭ رۇسىيىدە قوغداشقا ئىگە ئەمەسلىكى، ھەر قانداق جايدا مىللەتچىلىككە ۋە كەمسىتىشكە دۇچ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

رۇسىيە مەتبۇئاتلىرى رۇسىيىدە تاقىرباشلار دەپ ئاتىلىدىغان ئىرقچى ۋە مىللەتچى ياشلار گۇرۇپپىسىنىڭ سانىنىڭ كۈنسايىن ئېشىۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيالىقلار، كاۋكازلىقلار، خىتايلار ۋە باشقا قارا چاچلىق مىللەتلەرگە دائىم ھۇجۇم قىلىپ،ئۇلارغا تەھدىت پەيدا قىلىدىغانلىقىنى يېزىشماقتا.

ھازىر، 5 مىليوندەك ئۆزبېكىستانلىق، بىر مىليون ئەتراپىدا تاجىكىستانلىق ۋە 500 مىڭدىن ئارتۇق قىرغىزىستانلىقنىڭ قىيىنچىلىق تۈپەيلىدىن رۇسىيىگە كېتىپ ئىشلەپ جان بېقىشقا ۋە شۇ ئارقىلىق ئائىلىسىنى قامداشقا مەجبۇر بولغانلىقى مەلۇم. رۇسىيە مىللەتچىلىرى بۇلارنى قانۇنسىز كۆچمەن دەپ ئاتاپ رۇسىيىدىن قوغلاشنى تەلەپ قىلىدۇ. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.