پۇتىن "شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى ب د ت نىڭ ئورنىنى ئالماقچى،" دېدى

شەنبە كۈنى موسكۋانى زىيارەت قىلغان گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل خانىم رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن كۆرۈشكەندە،پۇتىن شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىنى تەنقىد قىلىپ، ناتو ب د ت نىڭ ئورنىنى ئالماقچى، دېدى.

پۇتىن NATO نىڭ كېڭىيىشى، بولۇپمۇ شەرققە كېڭىيىشىنى نەزەرگە ئالغان بولۇپ، رۇسىيە ھۆكۈمىتى ئىزچىل ھالدا مەزكۇر ھەربىي تەشكىلاتنىڭ شەرققە كېڭىيىپ، بىر قىسىم دۆلەتلەرنى ئۆزىگە ئەزا قىلىشى ھەمدە گرۇزىيە، ئۇكرائىنىيە شۇنىڭدەك ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ناتو بىلەن يېقىن ھەمكارلىق مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، ئۇنىڭغا ئەزا بولۇشقا ئىنتىلىشىدىن بىئارام بولغان ئىدى.

خەۋەرلەر ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، مېركېل خانىم ناتو نىڭ پەقەت مۇداپىئە خاراكتېرلىق ئىتتىپاق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، پۇتىننىڭ سۆزىگە رەددىيە بەرگەن. گېرمانىيە باش مىنىستىرى يېقىندا پرېزىدېنتلىققا سايلانغان دمىترىي مېدۋېدېۋ بىلەنمۇ كۆرۈشكەن بولۇپ، ئۇ رۇسىيىنىڭ يېڭى پرېزىدېنتى بىلەن بىرىنچى قېتىم كۆرۈشكەن غەرب رەھبىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. دمىتري مېدۋېدېۋ بۇ يىل 5 - ئايدا رەسمىي مۇراسىم بىلەن قەسەم بېرىپ، پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرۇشنى باشلايدۇ.

پۇتىن ئەنە شۇ كۈنىدىن ئېتىبارەن ۋەزىپىسىدىن تولۇق قالىدۇ. مېدۋېدېۋ سايلامدا ئۇتۇپ چىققاندىن كېيىن، گېرمانىيە، فرانسىيە، ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى ئۇنى تەبرىكلىگەن ئىدى. مېركېل خانىم پۇتىن بىلەن بولغان بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشىدا ئۇنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغانلىقى ھەققىدە گەپ قىلىشتىن ئېھتىيات قىلغان بولۇپ، كۆزەتكۈچىلەر بۇنىڭدىكى سەۋەبنىڭ پۇتىننىڭ پرېزىدېنتلىقتىن قالسىمۇ، ئەمما، ئەسلى كېلىشىم بويىچە رۇسىيە باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى بېجىرىپ، مەزكۇر گېرمانىيە باش مىنىستىرى بىلەن داۋاملىق ھەمكارلىشىدىغانلىقى ئىكەنلىكى دەپ ھېسابلىغان.

پۇتىن يېڭى پرېزىدېنت مېدۋېدېۋ بىلەن بىرلىكتە رۇسىيىنىڭ دۆلەت مەنپەئەتىنى قوغدايدىغانلىقى، مېدۋېدېۋ بولسا پۇتىننىڭ سىياسىي يۆنىلىشىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. ئەگەر ئۇنداق بولسا، پۇتىننىڭ ناتو، ئامېرىكا ۋە باشقا غەرب ئەللىرىگە قاراتقان بىراز قاتتىقراق تاشقى سىياسىتى يەنىلا داۋاملىشىشى مۇمكىن ئىكەن. (ئۈمىدۋار)