رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بېلارۇسىيىنى زىيارەت قىلىپ، بېلارۇسىيە تەرەپ بىلەن كۆپ تەرەپلىمىلىك ھەمكارلىق مەسىلىسى جۈملىدىن رۇسىيە-بېلارۇسىيە ئىتتىپاقى مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان.
رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىن قارىغاندا، ۋلادىمىر پۇتىن بېلارۇسىيىنى تەبىئىي گاز بىلەن داۋاملىق ئەرزان باھادا تەمىنلەشكە، گاز باھاسىنى ئالدىنقى يىلدىكى ئىككى دۆلەت ئارىسىدا تۈزۈلگەن تۆۋەن باھادىن ئاشۇرىۋەتمەسلىككە قوشۇلغان.
پۇتىن يەنە بېلارۇسىيىگە بىر مىليارد بەش مىليون دوللار قەرز بېرىپ تۇرۇپ، بېلارۇسىيىنىڭ بۇ پۇل ئارقىلىق رۇسىيىدىن ئالىدىغان تەبىئىي گازلارنىڭ چىقىملىرىنى تۆلىشىگە رازىلىق بىلدۈرگەن. ئەسلىدە، رۇسىيە گاز پروم شىركىتى بېلارۇسىيىگە ساتىدىغان گازلارنىڭ باھاسىنى ئۆستۈرىۋالغان ئىدى.
رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىدىكى ئىنكاسلاردىن قارىغاندا، رۇسىيە بىلەن بېلارۇسىيە 1999- يىلى ئىتتىپاقداشلىق شەرتنامىسى ئىمزالاپ، قەدەممۇ-قەدەم بىرلىشىپ، بىر دۆلەتكە ئايلىنىشقا پۈتۈشكەن بولسىمۇ، لېكىن 8 يىلدىن بۇيان ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى بەزى ئىختىلاپلار تۈپەيلىدىن بۇ ئارزۇ ئەمەلگە ئاشمىغان.
رۇسىيە مۇمكىن قەدەر بېلارۇسىيىنى بىرلەشتۈرۈپ، بىر ئىتتىپاقداش دۆلەتكە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغان بولۇپ، ھەر ئىككىلا دۆلەتتىكى سلاۋىيان مىللەتچىلىرى بۇ پىكىرنى ئىزچىل قوللىغان بولسىمۇ، ئەمما بېلارۇسىيىدىكى بىر قىسىم مىللىي دۆلەت ئىگىلىكىنى ساقلاش ئىدىيىسىدىكى سىياسەتچىلەر بۇنىڭغا قارشى تۇرغان. كۆزەتكۈچىلەر، نۆۋەتتە پۇتىننىڭ بېلارۇسىيىنى ئەرزان باھادا گاز بىلەن تەمىنلەش ھەمدە ئۇنىڭغا ئىقتىسادىي ياردەملەرنى بېرىش ئارقىلىق ئۇنىڭ بىلەن بىر گەۋدىگە ئايلىنىش سۈرئىتىنى تېزلىتىشكە تىرىشماقتا.
پرېزىدېنت پۇتىن ئۇنىڭ ئەكسىچە رۇسىيىنىڭ چوڭ دۆلەتچىلىكىگە قارشى تۇرۇپ، غەرب دېموكراتىيە يولىنى تۇتقان سلاۋىيان دۆلىتى ئۇكرائىنىيىگە بولسا، گاز باھاسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق بېسىملارنى كۆرسەتمەكتە. ئەلۋەتتە، نۆۋەتتە ياۋرو -ئاسىيادا رۇسىيە، بېلارۇسىيە ۋە ئۇكرائىنىيە قاتارلىق سلاۋىيانلارنىڭ بىرلىشىشى بىلەن قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك، تۈركمەن، تۈركىيە، ئەزەربەيجان قاتارلىق تۈركىي مۇستەقىل دۆلەتلىرىنىڭ بىرلىشىش ھەرىكەتلىرى تەڭ مەۋجۇت بولماقتا. بىراق، رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ تۈركىي دۆلەتلىرىنىڭ بىرلىشىشىغا قارشى تۇرىدىغانلىقى مەلۇم (ئۈمىدۋار)