رۇسىيە ئۆكتىچىلەر نامايىشى بېسىقتۇرۇلۇپ ئۆكتىچى رەھبەرلەر قولغا ئېلىندى

شەنبە كۈنى موسكۋادا 3000 دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشقان ۋلادىمىر پۇتىننىڭ دېموكراتىيىدىن چېكىنىپ كەتكەنلىكىگە قارشىلىق بىلدۈرۈش نامايىشى يۈز بەرگەن بولۇپ، رۇسىيىنىڭ " نېۋزرۇ" ئۇچۇر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، نامايىش " باشقا بىر رۇسىيە" دەپ ئاتالغان ئۆكتىچى گۇرۇھلار بىرلىكى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان.

موسكۋا شەھىرىدە يۈز بەرگەن بۇ نامايىش ساقچىلار تەرىپىدىن تىنجىتىلىش جەريانىدا "باشقا بىر رۇسىيە" تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى، دۇنياغا داڭلىق شاخماتچى گاررى كاسپاروۋ ۋە باشقا بىر قانچە ئۆكتىچى كاتتىۋاشلار قولغا ئېلىنغان. نامايىشچىلار پۇتىنغا قارشى شوئارلارنى توۋلىغان بولۇپ، بۇنىڭدىن ئىلگىرى موسكۋا قاتارلىق جايلاردا ۋلادىمىر پۇتىننىڭ 3-قېتىم پرېزىدېنت بولۇشىنى تەلەپ قىلىدىغان نامايىش ۋە پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلغان ئىدى. ھەتتا، پۇتىننىڭ كېلەر يىلىدىكى سايلامدا ئۆز تەراپدارىنى پرېزىدېنتلىققا چىقىرىپ، ئۆزى باش مىنىستىر بولۇپ، داۋاملىق رۇسىيىنى ئىدارە قىلىشنى مەقسەت قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

گاررى كاسپاروۋ باشلىق ئۆكتىچىلەر پۇتىن ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى قىلىپ، رۇسىيىنىڭ دېموكراتىيىسىنى چېكىندۈرىۋاتقانلىقى، ئۇنىڭ ھەتتا قان تۆكۈشتىن قورقمايدىغانلىقىنى تەنقىد قىلغان. نامايىش ساقچىلار بىلەن توقۇنۇش دەرىجىسىگە يەتكەن.

نۆۋەتتە، پرېزىدېنت پۇتىننىڭ دېموكراتىيىنى چېكىندۈرىۋاتقانلىقى، مىللەتچىلىك خاھىشلىرىنىڭ كۈچىيىشىگە يول قويۇۋاتقانلىقى، ھەر قايسى جۇمھۇرىيەتلەر ۋە ئۆلكىلەرگە بېرىلگەن ھوقۇقلارنى بارغانسېرى ئۆز قولىغا يىغىۋالغانلىقى تەنقىد قىلىنماقتا.(ئۈمىدۋار)