پۇتىن ئۆزىنىڭ پارلامېنت ئەزالىق سالاھىتىدىن ۋاز كەچتى

رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن 13- نويابىر كۈنى ئۆزىنىڭ رۇسىيە دۇماسىنىڭ ئەزالىق سالاھىيىتىدىن ۋاز كەچكەن. بۇ خەۋەرنى رۇسىيە مەركىزىي سايلام كومىتېتى ئىسپاتلىغان بولۇپ، تېخى بۇنىڭدىن بىر ھەپتە ئىلگىرى ئۆتكۈزۈلگەن رۇسىيە پارلامېنت سايلىمىدا پۇتىن پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلانغان. خەۋەرلەردىن قارىغاندا، ۋلادىمىر پۇتىن ئۆز ئورنىنى رۇسىيە بىرلىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى كاۋكوۋغا ئۆتۈنۈپ بەرگەن.

بۇ ۋەقە رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ بىردىنلا غۇل - غۇلىسىنى قوزغىغان بولۇپ، 10- دېكابىر كۈنى پۇتىن ئۆز ئىز باسارى سۈپىتىدە بىرىنچى مۇئاۋىن باش مىنىستىر دىمىترىي مېدۋېدىيېۋنى تاللىغان ئىدى. پۇتىن 42 ياشلىق مەزكۇر پرېزىدېنت نامزاتى بىلەن 17 يىللىق دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق تارىخى بارلىقىنى يوشۇرمىغان بولۇپ، "گەپ ئاڭلايدىغان، ياۋاش خاراكتېرلىق" ئادەم دەپ تەرىپلىنىۋاتقان مېدۋېدىيېۋ ئەگەر ئۆزىنىڭ پرېزىدېنت سايلىمىدا ئۇتۇپ چىقسا، پۇتىننى باش مىنىستىر قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. بىراق، پۇتىن بۇ قېتىم ئۆزىنىڭ پارلامېنت ئەزالىقىدىن ۋاز كېچىپ، ئۇنى باشقا ئادەمگە ئۆتىنىپ بەرگەندىن كېيىن، رۇسىيە مەتبۇئاتلىرى بەلكى پۇتىننىڭ يەنە باشقا بىرسىنى پرېزىدېنت نامزاتى قىلىشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلماقتا.

بۇ كۈنى يەنە دۇنيا شاھمات چېمپىيونى، ئۆكتىچى رەھبىرى گاررى كاسپاروۋنمۇ ئۆزىنىڭ پرېزىدېنت نامزىتىدىن ۋاز كەچكەنلىكىنى ئېلان قىلغان. نۆۋەتتە، رۇسىيىدە پۇتىننىڭ 3- قېتىم ۋەزىپە ئۆتۈشىنى تەلەپ قىلىدىغان كۈچلەرمۇ كۆپەيمەكتە. (ئۈمىدۋار)