17 - دېكابىر دۈشەنبە كۈنى روسسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمېر پۇتىن گەرچە 2008 - يىلى 2 - مارتتا ئۆتكۈزۈلىدىغان روسسىيە پرېزىدېنت سايلىمىدىن كېيىن، باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشقا ماقۇللۇق بىلدۈرۈپ، سايلامدىن كېيىن پرېزىدېنت بىلەن باش مىنستىر ئوتتۇرسىدا ھاكىمىيەت باشقۇرۇش ۋەزىپىسىنى باشقىدىن ئايرىش يۈز بەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ ئەمما، نۇرغۇنلىغان روس مۇتەخەسسىسلىرى ئەمەلىيەتنىڭ باشقىچە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
رۇسىيىنىڭ ئۇچۇرلىرىغا قارىغاندا، 10- دېكابىر كۈنى پۇتىن ئۆز ئىز باسارى سۈپىتىدە بىرىنچى مۇئاۋىن باش مىنىستىر دىمىترىي مېدۋېدىيېۋنى تاللىغان ھەمدە پرېزىدېنت نامزاتى بىلەن 17 يىللىق دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق تارىخى بارلىقىنى يوشۇرمىغان.
مېدۋېردىيېۋ ئەگەر ئۆزىنىڭ پرېزىدېنت سايلىمىدا ئۇتۇپ چىقسا، پۇتىننى باش مىنىستىر قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. 17 - دېكابىر كۈنى پۇتىننىڭ باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى رەت قىلمايدىغانلىقىنى ئىپادىلىشى، روسسىيە پرېزىدېنت سايلىمىدىن كېيىن كىمنىڭ ھەقىقىي ھاكىمىيەت باشقۇرۇش مەسىلىسى غۇلغۇلا قوزغىماقتا.
خەۋەردە رۇسىيە مۇتەخەسسىسى نىكونوفنىڭ قىياسلىرىنى نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، دىمىترىي مېدۋېدىيېۋ پرېزىدېنت بولغان ھالەتتە پۇتىن باش مىنىستىر بولىدۇ، بۇ ئەمەلىيەتتە رۇسىيىدە باش مىنىستىر ھەقىقىي ھاكىمىيەت باشقۇرىدىغان رەھبەرلىك سىستېمىسىنىڭ يولغا قويىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. پۇتىن بۇنىڭدىن بىر ئاي ئىلگىرى ئۆتكۈزۈلگەن رۇسىيە بىرلىك پارتىيىسىنىڭ قۇرۇلتىيىدا ئۆز پارتىيىسىنىڭ پارلامېنت سايلىمىدا غەلىبە قىلىشى ھەمدە پرېزىدېنتلىق مۆھلىتى توشقاندىن كېيىن باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى بولسىمۇ قولغا كەلتۈرۈپ، رۇسىيىنى داۋاملىق ئىدارە قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. (گۈلچېھرە)
