رۇسىيىدە پرېزىدېنت سايلاش پائالىيىتى رەسمىي باشلاندى

رۇسىيىدە پرېزىدېنت سايلاش پائالىيىتى رەسمىي يوسۇندا باشلىنىش بىلەن تەڭ، پرېزىدېنت پۇتىن يات ئەللەرنى رۇسىيىنىڭ ئىچكى سىياسىتىگە ئارىلاشماسلىققا ئاگاھلاندۇردى.

رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن، چەتئەل تاشقى ئىشلار خادىملىرىغا، ئۇ باشچىلىق قىلىۋاتقان ھۆكۈمەتنىڭ بارلىق كۈچىنى سەرپ قىلىپ، دۆلەت ئىچىدىكى قالايمىقانچىلىقلارنى بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى شۇڭا تاشقى دۇنيانىڭ بۇ جەھەتتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنىڭ ھاجەتسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

چەتئەل ۋە رۇسىيە تەنقىتچىلىرى ھۆكۈمەتنىڭ، يەكشەنبە كۈنى كېرىمىل سارىيىدا پۇتىن پارتىيىسىنىڭ غەلىبىسى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان پارلامېنت سايلىمىغا قارشى پائالىيەتنى باستۇرغانلىقىنى ئەيىبلىدى.

رۇسىيە ساقچىلىرى ئۆكتىچى پارتىيە يىغىلىشىنى تارقىتىۋەتكەندىن كېيىن، ئاساسلىق ئۆكتىچى پارتىيە رەھبىرى دۇنيا شاھمات چېمپىيونى گارى كاسپاروفنى قولغا ئالغان ئىدى. بۇ ئارىدا پۇتىن يەكشەنبە كۈنى ئېلىپ بېرىلغان پارلامېنت سايلىمىنىڭ ئاشكارا ۋە توغرا ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

رۇسىيە تېلېۋىزىيىسى پەيشەنبە كۈنى، ئالدىن لېنتىغا ئېلىپ تەييارلانغان پرېزىدېنت پۇتىننىڭ نۇتقىنى تارقاتتى. پۇتىن نۇتقىدا رۇسىيىنىڭ كەلگۈسى ھەققىدىمۇ توختالغان. پۇتىن ھازىرغا قەدەر ئارقا ‏- ئارقىدىن ئۈچ قېتىم پرېزىدېنت سايلىنىپ، ۋەزىپە ئۆتەپ كەلمەكتە، سىياسىي كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، پۇتىن كېلەر يىلى 3 ‏- ئايدا سايلىنىدىغان يېڭى ھۆكۈمەتتە، پەردە ئارقىسىدىكى مۇھىم رولىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئۆزىنى يادرو قىلغان پارتىيىنىڭ سايلىنىشىغا ئاساس ياراتماقتا ئىكەن. (ئەقىدە)