رۇسىيىدە پارلامېنت سايلىمى باشلاندى، پۇتىن بېلەت تاشلىدى
2007.12.02
يەكشەنبە كۈنى رۇسىيىنىڭ پارلامېنت سايلىمى باشلاندى. مۆلچەرلىنىشىچە، پۈتۈن رۇسىيە بويىچە يۈز مىليون ئادەم 95 مىڭ بېلەت تاشلاش ئورنىغا بېرىپ، پارلامېنت سايلىمىدا ئۆزى خالىغان پارتىيە ۋەكىللىرىگە بېلەت تاشلايدۇ. رۇسىيىنىڭ "نەۋزرۇ" ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پرېزىدېنت پۇتىن يەكشەنبە كۈنى ئۆزىمۇ بېلەت تاشلىغان بولۇپ، ئەلۋەتتە، ئۇنىڭ ئۆز پارتىيىسى ھېسابلىنىدىغان " رۇسىيە بىرلىك پارتىيىسى" ئۈچۈن بېلەت تاشلايدىغانلىقى ئېنىق ئىكەن.
بۇ قېتىم رۇسىيە پارلامېنت يەنى دۇماسىنىڭ 450 كىشىلىك ئورنىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن 11 پارتىيە سايلامغا قاتناشقان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە نۆۋەتتە، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان رۇسىيە بىرلىك پارتىيىسىنىڭ تەشۋىقات كۈچى ئەڭ زور ھېسابلىنىدىكەن.
خەۋەرلەردىن قارىغاندا خەلقئارالىق تەشكىلاتلار جۈملىدىن ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرنىڭ كۈزەتكۈچىلىرى سايلامنى كۆزەتمەكتە. بىراق، ئۆكتىچىلەر بۇ سايلامنىڭ راستچىل ھەم دېموكراتىك ئۆلچەملەرگە لايىق بولۇشىدىن گۇمانلىنىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشمەكتە. بۇنىڭدىن نارازى بولغان ئۆكتىچىلەر بىرلىكى ئۆتكەن ھەپتىدە نامايىش قىلغاندا بېسىقتۇرۇلۇشقا ھەمدە ئۆكتىچى رەھبەرلەردىن كاسپاروۋ قاتارلىق تۇتقۇن قىلىشقا ئۇچراپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تەنقىدىگە دۇچ كەلگەن ئىدى.
نۆۋەتتە، رۇسىيىدە پۇتىننىڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭ ئۇنىڭ كېلەر يىلى يەنە پرېزىدېنت سايلىمىغا قاتنىشىپ، 3-قېتىم ۋەزىپە ئۆتۈشىنى تەلەپ قىلماقتا. بىراق، ئۆكتىچىلەر بۇنىڭدىن نارازى ھەم ئاساسىي قانۇنمۇ يول قويمايدىكەن، ئەمما، پۇتىن پارلامېنت سايلىمىدا ئۆز پارتىيىسىنىڭ غەلىبە قىلىشى ھەمدە باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى بولسىمۇ قولغا كەلتۈرۈپ، رۇسىيىنى داۋاملىق ئىدارە قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. كۆزەتكۈچىلەر رۇسىيە بىرلىك پارتىيىسىنىڭ بۇ سايلامدا غەلىبە قىلىش ئېھتىماللىقىنىڭ زورلۇقىنى بىلدۈرۈشمەكتە. (ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- رۇسىيىدە پرېزىدېنت سايلاش پائالىيىتى رەسمىي باشلاندى
- رۇسىيە ئۆكتىچىلەر نامايىشى بېسىقتۇرۇلۇپ ئۆكتىچى رەھبەرلەر قولغا ئېلىندى
- رۇسىيە قىسىملىرى ئەگەر ناتوغا ئەزا دۆلەتلەردىن چىقىپ كەتمىسە، ناتو ئەمدى بۇرۇنقى كېلىشىمنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ
- رۇسىيە بىلەن ھىندىستان ترانسپورت ئايروپىلانى ئىشلەپچىقىرىش كېلىشىمى ئىمزالىدى
- ئوكرائىنا خەلقئارادىن 30 - يىللاردا يۈز بەرگەن ئاچارچىلىقنى ستالىننىڭ مىللىي قىرغىنچىلىقى دەپ ئېتىراپ قىلىشنى تەلەپ قىلدى
- خىتاي، رۇسىيە، ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى خاربىندا سۆھبەت ئۆتكۈزدى
- رۇسىيە خىتاي كۆچمەنلىرىنى رەت قىلدى
- پۇتىن ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا ھەر قانداق بىر ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىشنى قوللىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
- ئامېرىكا باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالقان سىستېمىسى مەسىلىسىدە رۇسىيىنى ھەمكارلىشىشقا چاقىردى
- رۇسىيە بىلەن خىتاي ئالاھىدە ساقچى قىسىملىرى بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزمەكچى